تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) 2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، تور بوشلۇقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق پائالىيەت بوشلۇقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.

2014 - يىلى 11 - ئايدا، تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى جېجياڭ ۋۇجېندا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، جۇڭگو ئۆتكۈزگەن كۆلىمى ئەڭ زور، قاتلىمى ئەڭ يۇقىرى ئالاقە تورى يىغىنى، شۇنداقلا دۇنيا ئالاقە تورى ساھەسىدىكى بىر قېتىملىق مىسلى كۆرۈلمىگەن داغدۇغىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئېچىلىدىغان دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ ھەممىسى ۋۇجېندا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى.

2 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىدا، شى جىنپىڭ يەرشارىۋى ئالاقە تورى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى «تۆت تۈرلۈك» پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، تىنچلىق، بىخەتەرلىكنى قوغداش، ئوچۇق ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياخشى تەرتىپ ئورنىتىش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى «بەش نۇقتىلىق تەشەببۇس»نى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى يەر شارىۋى تور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ توردا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تور ئىقتىسادىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تەرتىپلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئالاقە تورى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ بۇ «تۆت تۈرلۈك پىرىنسىپ» ۋە «بەش نۇقتىلىق تەشەببۇس» يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىجادىي پىكىر بېرىدىغان ئەڭ كەڭ سۇپا ۋە ئاساسقا ئايلىنىپ، دۇنيا ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.

يىغىن مەزگىلىدە، ئالاقىدار ئالاقە تورى كارخانىلىرى، ئاپپارات، تەشكىلاتلار زور بىر تۈركۈم ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، كۆپ تۈرلۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يىغىن يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئېلان قىلىنغان ۋۇجېن تەشەببۇسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تور بوشلۇقى قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى ۋە ئىدارە قىلىش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئارزۇسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تور بوشلۇقى ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئورتاق ئىدارە قىلىشتىكى ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئالاقە تورى تەرەققىياتى ۋە ئىدارە قىلىش ساھەسىدىكى مۇھىم نەتىجىگە ئايلىنىپ، «ئالاقە تورى تارىخىدىكى ئابىدە» دەپ تەرىپلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى