تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون يوق، تولۇق قاپلىنىدۇ، قەتئىي يول قويۇلمايدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جوۋ يۇڭكاڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى قارار قىلىپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پارتىيە چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشتا «دافۇغا جازا بەرمەيدۇ» «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون بار» دېگەن تەسەۋۋۇرى ۋە ئەندىشىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

چىرىكلىك جەمئىيەتتىكى زەھەرلىك ئۆسمە، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىت. خەلق ئاممىسى چىرىكلىك ھادىسىسىدىن ئەڭ نەپرەتلىنىدۇ. ئەگەر چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ بارغانسېرى يامرىشى مەيلىگە قويۇپ بېرىلسە، ئەڭ ئاخىرىدا مۇقەررەر ھالدا پارتىيەنى، دۆلەتنى تۈگەشتۈرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يۈزلىگەن - مىڭلىغان چىرىك ئۇنسۇرنى رەنجىتمەيمىز دېسەك، 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنى رەنجىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ بىر ئەڭ چۈشىنىشلىك سىياسىي ھېسابات، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش - مايىل قىلالماسلىق ھېساباتى!»

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك دورا بېرىپ جاھىل كېسەلنى داۋالايدىغان، قاتتىق جازالاپ قالايمىقانچىلىقنى تۈزەيدىغان ئىرادە، سۆڭەكنى قىرىپ يارىنى داۋالايدىغان، كەسكىن ئىش كۆرىدىغان جاسارەت بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «يولۋاسنى يوقاتتى» «چىۋىننى يوقاتتى» «تۈلكىنى ئوۋلىدى». 18 - نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۆلكە باشلىقى، جۈنجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىرلار ھەم باشقا مەركەز باشقۇرىدىغان كادىرلاردىن 440 كىشىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى تەستىقلاپ، جوۋ يۇڭكاڭ، بو شىلەي، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇ، سۈن جېڭسەي، لىڭ جىخۇانىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن تارتىپ 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەركەز باشقۇرىدىغان 77 كادىر دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى. چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى، چىرىكلىشەلمەسلىك قەپىسى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇش توسمىسى ياسىلىۋاتىدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى.

پارتىيەمىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشى ھەرگىزمۇ ئادەمگە قاراپ قورۇما تەييارلايدىغان «بايلىق ۋە مەرتىۋىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان دۇكان» ئەمەس، ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تالىشىدىغان «قارتا ئويناش ئۆيى» ئەمەس، سېلىپ تېخى پۈتتۈرۈلمىگەن «تاشلاندۇق بىنا»مۇ ئەمەس. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، مۈشكۈل ۋەزىپە، يېتەرلىك بولدى، ئەمدى بىرئاز تىنىۋالساق، ئارام ئېلىۋالساق بولىدۇ دەيدىغان خىيالدا بولۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن چەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى بېسىمنى كۈچەيتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زاپاس مىقدارنى كۈچەپ ئازايتىپ، ئېشىش مىقدارىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، پارتىيە ئۆزى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىنقىلابنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاداققىچە ئېلىپ بېرىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق تىنچ، ئاسايىشلىق، سىياسىيسى پاك، ئوچۇق ۋەزىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى