تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى:

ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لىن يۈەن) جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كېللى كرافت جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئاساسسىز ئەيىبلەپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشتى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىقىنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

باياناتچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگوچە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان زېمىندا ئۇرۇش مالىمانچىلىقى يوق، سەرسانلىق - سەرگەردانلىق يوق، ۋەھىمە يوق، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن خەلق خاتىرجەم، ئەركىن، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. قىلچە گۇمانلىنىشقا بولمايدۇكى، مانا بۇ ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئەڭ ياخشى كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلىيىتى. بۇ، بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولمىغان ھەرقانداق كىشى ئېنىق كۆرەلەيدىغان ئاساسىي پاكىت.

باياناتچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. جۇڭگودا 200 مىليونغا يېقىن پۇقرا دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ھازىر 5500دىن ئارتۇق دىنىي تەشكىلات، تەخمىنەن 140 مىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنى بار. جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالىدا ھېچقانداق مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. جۇڭگو شىنجاڭ رايونى قوللانغىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرى. بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭدا ئۈچ يىلدىن بۇيان بىر قېتىممۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

باياناتچى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە قارايدىغان بولساق، قورال - ياراغ زوراۋانلىقى ئېغىر، باي - نامراتلىققا بۆلۈنۈش كۈچەيگەن، ئىرقىي كەمسىتىش چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، دىنلار سىغىشالماسلىق ھادىسىسى ئەۋج ئالغان. ئامېرىكا يەنە دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىپ، كۆپ مەيدان ئۇرۇش قوزغىدى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتى، ھە دەپ رەڭلىك ئىنقىلاب قوزغاپ، ئالاقىدار دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلدى.

باياناتچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنى پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، بىر تەرەپلىمە قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم ۋە سىياسىيلاشقان خاتا ئۇسۇللارنى قوللىنىشنى توختىتىشقا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.