شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شىنجاڭ داشۆ پارتكومى دائىمىي كومىتېت بەنزىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتكە سېلىشتۇرۇش» «تۆتنى تېپىش» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك داشۆنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇردى.
يىغىندا، شىنجاڭ داشۆ پارتكومىنىڭ شۇجىسى شۈ شيەنيى مەكتەپ پارتكومى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن ئىدىيە، سىياسىي، ئىستىل، ئىقتىدار، پاكلىق بەش جەھەتتىن تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر قېزىپ، ئېدىتلاپ، رەتلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. شىنجاڭ داشۆ پارتكومى دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بىرمۇبىر ئۆزىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك پارتىيەگە، مائارىپ ئىشلىرىغا، يولداشلارغا، ئۆزىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن مەسىلىلەرنى يوشۇرماي تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، مەنبەنى چوڭقۇر، ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، ئۆزئارا سەمىگە سېلىپ پېشىنى تارتىش، ئورتاق يۈكسىلىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتكە كېلىش ئۈنۈمىگە يەتتى.
خۇلاسىلىگەندە، شۈ شيەنيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەكتەپ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولۇپمۇ مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى تۇتىدۇ. ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۈردە جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ «قوش بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان» داشۆ قۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، «پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش» شەرەپلىك بۇرچىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئالىدۇ.
مەركەز 6 - سەييارە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار ئەزالىرى ھەم ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.