تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

ماھارىتى، خىزمىتى، مۇقىم كىرىمى بار بولدى

شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى بارغانسېرى كۆپلىگەن نامرات دېھقاننىڭ كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىشىغا ياردەم بەردى

ماھارىتى، خىزمىتى، مۇقىم كىرىمى بار بولدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى پەن يىڭ، گۇ يۈ

ئائىلىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش، ئەمگەك ماھارىتى كەمچىل بولۇش، ئىش ئورنى تېپىش قىيىن بولۇش ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم نامرات دېھقانلار دۇچ كەلگەن تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئىدى. شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى ئۇزاق مۇددەت، تەرتىپلىك يولغا قويۇش ئارقىلىق، يېقىنقى ئىككى يىلدا 100 مىڭدىن كۆپرەك يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ ماھارىتى بار، خىزمىتى بار، مۇقىم كىرىمى بار كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلىنىشىغا ياردەم بەردى.

ھازىر قاراماي گۇاڭلۇ مۈلۈك مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان ئايجامال قادىر ئىلگىرى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچىلا ئوقۇيالىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن داشۆ ئوقۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، ئەمما ئامال بولمىدى، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن دېھقانچىلىق قىلدىم. مەن بەختلىك تۇرمۇشقا تەلپۈنۈپ، ئۆز - ئۆزۈمدىن ئارزۇيۇم قاچان ئەمەلگە ئاشار؟ دەپ قايتا - قايتا سورايتتىم».

2018 - يىلى 4 - ئايدا، ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا يولغا قويۇلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ يىللىق يىرىك پىلاننىڭ پايدىسى بىلەن ئاخىر تارىم ئويمانلىقىنىڭ چېتىدىكى قاغىلىق ناھىيەسىدىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدىن چىقىپ، ئۆزىگە ئوخشاش تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە تەقەززا بولغان بىر تۈركۈم ياشلار بىلەن بىللە، داڭلىق «نېفىت شەھىرى» قارامايغا كېلىپ، «ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى»نى باشلىدى.

قىسقىغىنا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئۇ ناھايىتى تېزلا يېڭى خىزمەتكە ماسلىشىپ، شەھەر تۇرمۇشىغا سىڭىشىپ، ئايلىق مۇقىم كىرىمى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە ئىنىسىنىڭ داشۆدە ئوقۇش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالدى. «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ياخشى سىياسەتنى بېرىپ، ماڭا قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشنى، قانداق قىلىپ ئۆزۈمنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ قىممەت يارىتىشنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت، مەن پۇل تېپىپ ئۆزۈمنى بېقىپلا قالماي، يەنە ئائىلەمدىكىلەرنىمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەيمەن».

2018 - يىلى، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشقا باشلىدى، يىرىك پىلاندا نامراتلىق دەرىجىسى ئېغىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە (شەھەر)گە قارىتا، ئۈچ يىل ۋاقىتتا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 100مىڭ ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئەمگەك كۈچى جەمئىي 126 مىڭ 600 كىشىگە يېتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يىرىك پىلانىدىكى نىشان - ۋەزىپە مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان.

بىر كەسىپ ئىشچىسى بولۇش 27 ياشلىق مەمەتئابلا تۇرسۇن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۆزىنى ئۆزگەرتىش بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش بولدى.

پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ 9 - يېزىسى 2 - كەنتىدىكى مەمەتئابلا تۇرسۇننىڭ ئاتا - ئانىسى ياشىنىپ قالغان، تېنى ئاجىز بولۇپ، ئۆيىدە يەنە مومىسى، سىڭلىسى، ئىنىسى ۋە ئۈچ ياشلىق بىر قىزى بار. ئىلگىرى ئائىلىسىنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى يەر تېرىشتىن كېلەتتى، ئۇ دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدا تامچىلىق قىلاتتى، ئۇ بالىلارنىڭ چوڭى بولغاچقا، چوڭلارنى كۈتمىسە، كىچىكلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايتتى، تۇرمۇش بېسىمى ناھايىتى ئېغىر كەلگەنىدى.

2018 - يىلى 3 - ئايدا قاراماي بۇرغىلاش شىركىتىدە ئىشلىگەندىن كېيىن، مەمەتئابلا تۇرسۇن نېفىت بۇرغىلاش ئىشچىسى بولدى. «بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ شارائىتى ناھايىتى ياخشى، مۇنچا بار، ياتاققا ھاۋا تەڭشىگۈچ، توك پار ئورنىتىلغان، يەنە كەسپىي تۇرمۇش مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى بىزنىڭ تامىقىمىزنى ئېتىشكە، ياتىقىمىزنى تازىلاشقا، خىزمەت كىيىملىرىمىزنى يۇيۇشقا مەسئۇل. ئاشخانىنىڭ تاماق تۈرلىرى بەك مول، بەك يېيىشلىك، يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا مەن نەچچە كىلوگىرام سەمرىپ كەتتىم».

ھازىر، مەمەتئابلا تۇرسۇننىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 5000 يۈەنگە يېتىدۇ، خىزمەت نەتىجىسى ياخشى بولغاندا يەنە مۇكاپات ئالالايدۇ، ئايدا ئائىلىسىگە 4000 يۈەن ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە بىر كالا، بىر توكسىكلىت ئېلىپ بەردى، يەنە 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك قەرزنى قايتۇردى، ئائىلىسىدىكىلەر خۇشال بولۇپلا قالماي، قوشنىلارمۇ ئۇلارغا ناھايىتى ھەۋەس قىلدى.

شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېغىر نامرات رايون بولغان «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ بىرى. بۇ جايدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىگە قارىتا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر شەھەر - بازار، كارخانا، كەسىپلەر باغچە رايونلىرىغا بىر تۈركۈمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ بىر تۈركۈمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىچكىرى رايونلاردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە بىر تۈركۈمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرگە بىر تۈركۈمنى يۆتكەپ يۇغۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئومۇمەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار، مەلۇم ماھارەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئەمگەكچىلەرگە قارىتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جەڭ
  • دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك
  • 【ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى】 مېۋە-چېۋە ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش