تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاساسىي قاتلامدىكى تېخىمۇ كۆپ ئامما «ئاز قاترايدىغان، كېسىلىنى ئوبدان داۋالىتالايدىغان» بولدى

ئاپتونوم رايونىمىزدا يىراقتىن داۋالاشنىڭ سۈپىتى ئۆسۈپ، سۈرئىتى ئاشتى

ئاساسىي قاتلامدىكى تېخىمۇ كۆپ ئامما «ئاز قاترايدىغان، كېسىلىنى ئوبدان داۋالىتالايدىغان» بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «ئالاقە تورى + داۋالاش» ئەندىزىسىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يىراقتىن داۋالاشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سۈرئىتىنى ئاشۇردى، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ يۈرۈشۈش «يول»لىرى كۈنسېرى راۋانلىشىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تېخىمۇ كۆپ ئامما «ئاز قاترايدىغان، كېسىلىنى ئوبدان داۋالىتالايدىغان» بولدى.

12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەكىت ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى مۇتەخەسسىس ئاغرىق شېرىنئاي مەخەتنىڭ كېسەللىك تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرۈۋاتاتتى. ئۈچ كۈن ئىلگىرى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسى قۇمقۇسار كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق شېرىنئاي بەدىنىگە تۇيۇقسىز ئېغىر دەرىجىدە ھۆل تەمرەتكە چىقىپ كېتىپ كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەنىدى، دوختۇرخانا دەرھال داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ئالاقە تورى يىراق مۇساپىلىك تېببىي مەركىزى ئارقىلىق توردا قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە شاڭخەيدىكى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى توردا بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشقا تەكلىپ قىلىپ، داۋالاش لايىھەسىنى بېكىتتى. ھازىر، شېرىنئاينىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى.

شېرىنئاي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ھازىر بەدىنىمدە قىزىل تاشمىلار قالمىدى، ناھىيە بازىرىدىن چىقمايلا كېسەلنى ياخشى داۋالاتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، پۇلمۇ جىق كەتمەيدىكەن، مەن بۇنداق كېسەل كۆرسىتىش ئۇسۇلىدىن بەك رازى بولدۇم».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون سەھىيە - ساغلاملىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سېلىنما سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، جەمئىي 440 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت - ئوبلاست - شەھەر، ناھىيە - شەھەر - رايون ئۈچ دەرىجىلىك مەۋھۇم بۇلۇت سۇپىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 2 -، 3 - دەرىجىلىك 126 ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا بۇلۇت سۇپىسىغا ئۇلاندى، 70 مىليوندىن ئارتۇق ئېلېكتىرونلۇق كېسەل تارىخى سانلىق مەلۇماتى توپلاندى، كېسەلگە يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش جەمئىي 200 نەچچە مىڭ قېتىم قانات يايدۇرۇلۇپ، شىنديەنتۇ ئارقىلىق يىراقتىن دىياگنوز قويۇش، تەسۋىرىي سۈرەت ئارقىلىق يىراقتىن دىياگنوز قويۇش ۋە يىراقتىن پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش 500 نەچچە مىڭ قېتىم قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۇچۇرنى كۆپ ئالماشتۇرۇش، ئاممىنى ئاز قاترىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

قاراقاش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ ياردىمىدە، 16 يېزا - بازارلىق شىپاخانا، 171 كەنت داۋالاش ئۆيىگە تۇتاشقان يىراقتىن دىياگنوز قويۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئاغرىق ئۈچۈن داۋالىنىش خىراجىتىنى 1000 يۈەندىن ئارتۇق تېجەپ بەردى. قاراقاش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئۇچۇر ۋە يىراق مۇساپىلىك تېبابەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بەختىيار مۇختەر مۇنداق دېدى: «ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، قاراقاش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى مەركەز قىلغان كەنت، يېزا، ناھىيە، ئاپتونوم رايون، دۆلەت بەش دەرىجىلىك يىراق مۇساپىلىك سۇپىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، بىز شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا بىلەن ھەمكارلىشىپ، 3500 كېسەلگە يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويدۇق، يېزا، كەنت ئىككى دەرىجە ئۈچۈن تەمىنلىگەن يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش مىقدارى بىر يېرىم يىلدىلا 4000دىن ئاشتى».

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يىراقتىن داۋالاشنىڭ يېزا - بازارلارنى قاپلاش نىسبىتى %62.33كە يەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش مەمۇرىيىتى، داۋالاشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فېڭ دۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەت دەرىجىلىك تېببىي خادىملارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى