تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھېكايەم ئارقىلىق تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ نامىنى ئاقلايمەن

ئاتۇش شەھەرلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى مويدىنجان ھېلىم

مېنىڭ ئىسمىم مويدىنجان ھېلىم، ئاتۇش شەھىرىدىكى بىر ئاددىي دېھقان. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، مەن خەۋەرلەردە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەپلەندىم. مەن شۇ ۋاقىتتىلا مۇنداق ئويلىدىم: بۇ كىشىلەر كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بوھتان چاپلاش ئارقىلىق شىنجاڭغا قارا چاپلاش، جۇڭگوغا قارا چاپلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى. مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلەنگەن، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىن چوڭقۇر مىننەتدارمەن، ۋىجدانلىق ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوقۇم ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ نامىنى ئاقلىشىم كېرەك.

2017 - يىلى 11 - ئايدا، مەن توردىن زوراۋانلىق، تېررورلۇققا دائىر ئۈن - سىنلارنى چۈشۈرۈپ كۆرگەن، ھەم بۇ ئۈن - سىنلارنى ساقلىغان، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ كۆرۈشىگە يوللىغانىدىم. مەن دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدىم، قىلمىشىم يېنىك بولغانلىقتىن تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتىم. بۇ يەردىكى ياتاقلاردا ھاۋا تەڭشىگۈچ، پار بار، بىز ئازادە، يورۇق سىنىپلاردا دەرس ئاڭلايمىز، يەنە تۈرلۈك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشالايمىز. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، مەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىپ، جۇڭگو پۇقراسىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى بىلدىم، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا دائىر ئۈن - سىنلارنى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىشقا قانۇننىڭ يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدىم... بۇ ئۆگىنىش مېنىڭ قانۇن ئېڭىمنى ئۆستۈردى، قانۇن ئارقىلىق ئۆزۈمنى قوغداشنى ئۆگىنىۋالدىم، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىمايدىغان بولدۇم. تەربىيەلىنىش مەزگىلىدە، بىز ئۆيگە قايتالايمىز، ئىشىمىز بولسا ھەر ۋاقىت رۇخسەت سورىيالايمىز، يەنە ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن تېلېفونلىشالايمىز، سىندا سۆزلىشەلەيمىز، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىمىزمۇ تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ بىزنى يوقلىيالايدۇ. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تاماق، ياتاق ۋە ئۆگىنىشنىڭ ھەممىسى ھەقسىز، بىز يەنە قىزىقىشىمىزغا ئاساسەن بىر - ئىككى خىل كەسپىي ماھارەتنى ئۆگەنسەك بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىزغا ئىشەنچ قوشتى.

2019 - يىلى 8 - ئايدا، مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىدىم. جۇڭگو كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقاچقا، نۇرغۇن چەت ئەللىك جۇڭگو تىلىدا سۆزلەشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، بارغانسېرى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ تەرەققىي قىلىشنى ئويلايدىغان بولدى. مەن ناھايىتى تېزلا مەقسەت - نىشانىمىز ئوخشاش بولغان ئىككى دوست تېپىپ، ئۇلار بىلەن شېرىكلىشىپ بىر ئوقۇتۇش - تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇپ، 12 ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلدىم، ئۇلارنىڭ تۆتى ماڭا ئوخشاش تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى. بىز ھەممىمىز دۆلەت ئورتاق تىلىدا راۋان سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرەلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئاتا - ئانىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۇق، تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى كاپالەتكە ئىگە بولدى، ھەربىرىمىزنىڭ ئايلىق كىرىمىمىز 3000 يۈەندىن ئاشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئۆگىنىشىمىزنىڭ پايدىسىدىن بولدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمىز، تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىگە قاتنىشىپ مېنىڭ ھاياتىم ۋە تەقدىرىمدە بۇرۇلۇش بولدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بەختلىك، كۆڭۈللۈك تۇرمۇشقا ئېرىشتىم.

شىنجاڭ مەن تۇغۇلغان، مېنى بېقىپ ئۆستۈرگەن جاي، بۇ يەردىكى ھەممە ماڭا ناھايىتى تونۇش. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ رايونى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان - تېررورچى كۈچلەرنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى زور خەۋپ يەتكۈزۈپ، ئىنسانلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى. شىنجاڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالدى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى. پارتىيە ۋە دۆلەت شىنجاڭدا كۆپ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويدى، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇيالايدىغان بولدى، يېزا، شەھەر - بازار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەممە ئادەمنى كېسەل كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ياشانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى بار، يەنە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى. ھازىر، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شىنجاڭنىڭ تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى بىلىمەن، شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە ئادەم كۆرەلەيدۇ. بىراق، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئاق - قارىنى ئايرىماي، بىزنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزنى كۆرەلمەي، بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش كويىدا بولدى، ھەتتا زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارغا يانتاياق بولۇپ، يەل بەردى. مەن كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمەنكى، بۇ پەقەت ئامېرىكىنىڭ خام خىيالى، بىز ھەممىمىز قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇننى چۈشەندۇق، ئەمدى يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە يوچۇق قالدۇرمايمىز، ھەرقانداق كۈچنىڭ شىنجاڭنىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشىغا ھەرگىز قوشۇلمايمىز! ئامېرىكا تەرەپنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىشىغا ھەرگىز قوشۇلمايمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.