تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىغا رەھمەت

توقسۇن ناھىيەلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى ئايگۈل تاشقادىر

مېنىڭ ئىسمىم ئايگۈل تاشقادىر، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ بوستان بازىرىدىن. 2007 - يىلى، مەن داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە قېلىپ خىزمەت قىلدىم، بىر قېتىم تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىپ، ھازىرقى ئېرىم بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، بىز توي قىلىپ بىرلىكتە گۈزەل كېلەچەككە ئاتلاندۇق. لېكىن ئېرىم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ، مېنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىشقا كۈشكۈرتتى، ئېزىقتۇردى. دەسلەپتە مەن بۇنى قوبۇل قىلالمىدىم، لېكىن ئاستا - ئاستا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملاندىم. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مېنىڭ روھىي دۇنيايىم تەدرىجىي دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنىپ، تىزگىنلىنىپ، سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلىشنى خالىمايدىغان، ئۆيدىن تالاغا چىقمايدىغان، بېكىنىۋېلىپ، سىرتتىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدىم، تەدرىجىي زۇلمەتكە تولغان ئازاب - ئوقۇبەتلىك يولغا ماڭدىم. دۆلەت تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇقلۇق، مەن جەمئىيەتكە چىقىپلا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملاندىم، ئاتا - ئانام مېنىڭ غېمىمنى يەپ، كۈندە ماڭا نەسىھەت قىلدى، تەربىيە قىلدى. لېكىن مەن ئېغىر دەرىجىدە قايمۇقتۇرۇلغانلىقتىن، ھېچقانداق گەپ قۇلىقىمغا كىرمەي، يەنىلا ئۆزۈم بىلگەنچە ئىش قىلدىم.

مەن ئازاب - ئوقۇبەت قاينىمىدىن ئۆزۈمنى تارتالماي يۈرگەن پەيتتە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا ئوخشاش دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغانلارنى تەربىيەلەش، قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. ئاتا - ئانامنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن، مەن كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدىم.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بارغاندىن كىيىن، مەن ھۆكۈمەتنىڭ بىز ئۈچۈن ھازىرلىغان ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ئورنىنىڭ مۇھىتىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى، يەنە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، كەسپىي داۋالاش ئەترىتى ۋە ئارقا سەپ كاپالەت مۇلازىمىتى بارلىقىنى بىلدىم. تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ مۇھىتى داشۆنىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن، ياتاقلارغا ھاۋا تەڭشىگۈچ، پار ئورنىتىلغان، ئاشخانىدىكى تاللا تائاملار مول ھەم يېيىشلىك بولۇپ، ئۆزۈمنى داشۆگە قايتىپ بارغاندەك ھېس قىلدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئىكەن. بىز ھەر كۈنى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تېلېۋىزور كۆرىمىز، رادىيو ئاڭلايمىز، سىرتتا پائالىيەت قىلىمىز.

ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق مەن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى تەلتۆكۈس ئېنىق تونۇپ يەتتىم، نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدىم؛ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاتالمىش «ئادەم ئۆلتۈرۈپ شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەنلىرىنىڭ قانچىلىك بىمەنە ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم؛ دۆلەتنىڭ قانۇن - بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ نەقەدەر ئەقىلسىزلىق ۋە نادانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم؛ ئۆزۈمنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىشىمدىكى سەۋەبنىڭ قانۇن ئېڭىمنىڭ سۇسلۇقىدىن بولغانلىقىنى بىلدىم، يەنە مۇشۇنداق كېتىۋەرسەم، كىشىلىك ھاياتىمنىڭ تۈگىشىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغىنى ئائىلەمنىڭمۇ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. ئۆتمۈشۈمنى ئويلىسام ھازىر بەك پۇشايمان قىلىمەن. مەن تىرىشىپ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم، ئۆزۈمگە ۋە ئائىلەمگە مەسئۇلىيەتچان ئادەم بولىمەن. مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇق قىلغانلىقى ۋە قۇتقۇزۇۋالغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، مەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەھۋالدا، ھۆكۈمەت مېنى تاشلىۋەتمەي، يەنە پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇۋالدى، ماڭا قايتا بىر قېتىم ھاياتلىق پۇرسىتى بېرىپ، ماڭا بۇ يەردە خاتىرجەم ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردى، مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شەپقىتىگە مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەن كەنت قۇرغان كارخانىغا كېلىپ خىزمەت قىلدىم. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئەمگەك ماھارىتى تەربىيەسىگە قاتناشقان، دۆلەت ئورتاق تىلىنى بىلىدىغان بولغاچقا، مەن ناھايىتى تېزلا زاۋۇتتىكى ئەمگەك تېخنىكا ماھىرىغا ئايلاندىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە جاپاغا چىداملىق، خىزمەتتە ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، كەنت قۇرغان كارخانىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولۇپ، ئايدا 3000 يۈەن كىرىم قىلدىم. ئاتا - ئانام مېنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشۇمنى كۆرۈپ، كۈنبويى خۇشال يۈرىدىغان بولدى.

يېقىندا مەن دائىم شۇنداق ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم: ئەگەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى قۇتقۇزۇۋالمىغان بولسا، مەن بىر ئۆمۈر دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ مۇستەھكەم قەپىسىدە نابۇت بولار ئىكەنمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يىراق تۇرىدىغان، قانۇن - ئىنتىزامغا بويسۇنىدىغان، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىدىغان ئادەم بولۇپ، ئائىلەمگە، جەمئىيەتكە پائال تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.