تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا بىز قەتئىي قوشۇلمايمىز

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىدىكى تىنچلىق مەسچىتىنىڭ ئىمامى تاشتۆمۈر قادىر

يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا پىسەنت قىلماي، ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىدى. بۇ، تىپىك ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغانلىق، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈگەنلىك، ئۇچىغا چىققان زومىگەرلىك، مەقسىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش، بىزنىڭ تەستە قولغا كەلگەن گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش.

مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا چوڭ بولغان، ئىلگىرى شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەن، ھازىر جەمئىيەت مۇقىم، خەلق بەختلىك بولغان مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمەن، شىنجاڭنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىش، زور گۈللىنىش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمەن. مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى ئالقىشلايمەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ شىنجاڭنىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداش ھەرىكىتىنى ئالقىشلايمەن. ئاشۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرى كۆپ يۈزبەرگەن، ئۈزۈلمەي يۈزبەرگەن مەزگىلنى ئەسلىسەم، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئەسەبىي ئىدىيە تارقىتىپ، ياشلارنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىشقا قۇتراتقان، ئازدۇرغان، كۈشكۈرتكەنىدى. ئۇ چاغدا كىشىلەر سىرتقا چىققاندا، ئۆيىدىكىلەر بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، ئادەم كۆپ جايغا بارماسلىق، بالدۇرراق قايتىپ كېلىش قاتارلىقلارنى تاپىلايتتى. ھازىر بىزنىڭ شىنجاڭ ئىلگىرىكى ئاشۇ مەزگىلدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، جەمئىيەت تىنچ بولدى، ھەممىلا يەردە خۇشال ناخشا، كۈلكە سادالىرى ياڭراۋاتقان، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان مەنزىرە بارلىققا كەلدى. ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىپ، كۈلكە - چاقچاق قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈۋاتقان مەنزىرىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ. كۆپچىلىك بىللە پاراڭلاشقاندا ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن بىخەتەر ئىكەنلىكى، سىرتقا چىقىشتىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغان بولدى، كۆپچىلىكنىڭ ئويلايدىغىنى، ئارزۇ قىلىدىغىنى بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ مەڭگۈ مۇقىم، مەڭگۈ تىنچ بولۇشىدۇر. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كونا شەھەر رايونلىرى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرىگە قەدەم قويدى، بارغانسېرى كۆپلىگەن ھەر مىللەت ئامما ماڭا ئوخشاش شىنجاڭدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىياتنى بىۋاسىتە ھېس قىلماقتا. كۆپچىلىك ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ قوشماقتا.

ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئويدۇرۇپ چىققان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»گە قارىتا، مەن بۇ سىياسەتۋازلاردىن سوراپ باقاي، سىلەر نېمىگە ئاساسەن بۇنداق قىلىسىلەر؟ سىلەر نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟ ئەجەبا، سىلەرنىڭ ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق» دېگىنىڭلار ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بوھتان چاپلاشمۇ؟ كەينى - كەينىدىن يالغان سۆزلەپ، بىزنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىمىز ۋە ھېسسىياتىمىزغا زىيان يەتكۈزۈشمۇ؟ پاكىتنى بۇرمىلاپ، بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش قەدىمىگە توسقۇنلۇق قىلىشمۇ؟ دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي قوشۇلمايمەن. بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەتئىي قوشۇلمايدۇ. مەن ۋە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز ۋە ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز، باشلامچىلىق بىلەن دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا رىئايە قىلىمىز، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمىز، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمىز، باشلامچىلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە رەددىيە بېرىمىز، ئامېرىكا تەرەپنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش سۇيىقەستىنى پاش قىلىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىدىغان، ۋەتەننىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدىغان پولات ئىستىھكام قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى ئىش تېرىمايدۇ، بىراق ئىشتىن ھەرگىزمۇ قورقمايدۇ، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. جۇڭگودىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئالغا ئىلگىرىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ، جەزمەن تارىخنىڭ كۈلكە دەستىكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.