تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۆھمەت قىلىش، قارا چاپلاش شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ گۈزەل، بەختلىك ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئارشاڭ ناھىيەلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ بۆگدۆر بازىرىدىكى ئىتتىپاق مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئەلىجان ئابدۇكېرەم

يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلاپ ۋە ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزدى. دىن ساھەسىدىكى زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئامېرىكا تەرەپنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىگە قارىتا ئىنتايىن غەزەپلىنىدىغانلىقىمنى، ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىمنى، ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن!

شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، «ئۈچ خىل كۈچ» ئىنتايىن غالجىرلىشىپ، شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر زىيانكەشلىك قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار تاللاشچان كور بولۇۋالدى؛ ھازىر شىنجاڭ مۇقىم بولدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئەكسىچە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلىدى، ئەجەبا مانا بۇ ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق»مۇ؟ مېنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەم يۇقىرى بولمىسىمۇ، بۇ داۋلىنى چۈشىنىمەن، بەلكى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئەكسىچە كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى، قالايمىقان توقۇدى، ئەجەبا بىرنەچچە ۋاراق كېرەكسىز قەغەزگە تايىنىپلا بىزنى ئالدىيالامدۇ؟ پۇقرالارنى بەختلىك، تىنچ تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى سەرپ قىلىشتىن ئايانماي، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى ھەقسىز تەربىيەلەپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىتىپ، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت بىلىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىنى تۈگەتتى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە ئاڭلىق قارشى تۇرىدىغان بولدى، ئۇلارنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە پۇقرالىق ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئۇلار تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە نۇرغۇن تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەن تېخنىكىسىغا تايىنىپ رازى بولغۇدەك خىزمەت تاپتى، خېلى ياخشى كىرىمى بار بولدى، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىق قىياپىتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى، ئۇلار چىن كۆڭلىدىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شىنجاڭ قوللانغان بۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سىنىڭ يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، بۇ يەردە ياشاۋاتقان پۇقرالار خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، كۈنلىرى بارغانسېرى بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ. جەمئىيەت مۇقىم بولدى، بىزنىڭ سايرام كۆلى ۋە ئالاتاۋغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، پۇقرالارنىڭ كىرىمى بارغانسېرى ئاشتى، چېھرىدىكى كۈلكىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇ دەل ئەڭ ياخشى، ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقتۇر. ھالبۇكى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى» پاكىتنى بۇرمىلاپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلدى، بۇ پۈتۈنلەي تۇتۇرۇقسىز گەپ قىلغانلىق!

مەن بۇ يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە شۇنداق دەيمەنكى، شىنجاڭنىڭ ئىشىغا قارىتا، بۇ يەردە ياشاۋاتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىلا ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، سىلەر شىنجاڭغىمۇ كېلىپ باقماي تۇرۇپ، بىر قىسىم ساختا ئاتالمىش دەلىل - ئىسپاتلار ئارقىلىق، ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغىنىڭلار ھەقىقەتەن ئۇچىغا چىققان كۈلكىلىك ئىش. سىلەرنىڭ ئەسلا بىزنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق»ىمىزغا كەلسە - كەلمەس باھا بېرىش ھوقۇقۇڭلار يوق، شۇنداقلا سالاھىيىتىڭلارمۇ يوق! ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تولۇق كاپالەتلەندۈردى. بۇ بىرقانچە يىلدا، مەسچىتلەر «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش» قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىپ، «توققۇزنى سەپلەش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پاكىز، ئازادە پائالىيەت سورۇنى بىلەن تەمىنلىدى، بولۇپمۇ ھاۋا تەڭشىگۈچ مەسچىتنى قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن قىلىپ، قەلبلەرنى ئىنتايىن ئىللىتتى. كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان بۇ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ھەقىقىي تۈردە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىدىغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى، قايسى دۆلەت دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئۈچۈن شۇنچە ئىنچىكە، شۇنچە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەلىگەن؟! مەن پەقەت چۈشەنمىدىم، بۇنداق ياخشى سىياسەتلەر قانداقسىگە سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىكى ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق» مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ؟ ھەرقانداق بىر ۋىجدانلىق ئادەم ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىيالايدۇ، بەلكى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەن ھالدا «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشمايدۇ. مەن ئامېرىكىدىكى بۇ سىياسەتۋازلارغا ئۈنلۈك ئاۋازدا شۇنى ئېيتىمەنكى، سىلەرنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش سۇيىقەستىڭلار جەزمەن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ؛ سىلەرنىڭ تۆھمەت قىلىشىڭلار، قارا چاپلىشىڭلار شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ گۈزەل، بەختلىك ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك ھەرقانداق خام خىيالىڭلار ئەمەلگە ئاشمايدۇ!

مەن دىن ساھەسىدىكى زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىلەردەك ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاشتىكى رەزىل غەرىزىڭلارنى ناھايىتى ئېنىق بىلىمەن، سىلەر قانداق جۆيلۈشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، بىز ھەرگىز قالايمىقانلىشىپ كەتمەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەن ھەربىر ۋىجدانلىق ئادەمنىڭ سىلەرنىڭ پىتنە - ئىغۋا، تۆھمەتلىرىڭلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىغىمۇ قەتئىي ئىشىنىمەن. بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما يەنىلا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قەتئىي تۈردە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ئورتاق قوغداپ، تەستە قولغا كەلگەن تىنچ ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، تىرىشچانلىقىمىز، ئەقىل - پاراسىتىمىز ئارقىلىق بىرلىكتە شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.