ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا بارىدىغان Y926 قېتىملىق «قىشتىكى ئىللىق قۇياش. جەنۇبىي شىنجاڭ مەنزىرىسى» تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز مەنزىرىسى ساياھەت مەخسۇس پويىزى يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇ جىپېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 12- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 21:50 ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا بارىدىغان Y926 قېتىملىق «قىشتىكى ئىللىق قۇياش. جەنۇبىي شىنجاڭ مەنزىرىسى» تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز مەنزىرىسى ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، بۇنىڭ بىلەن «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» قىشلىق ساياھىتى رەسمىي باشلاندى.
بۇ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ بۇ يىل قىشتا قاتنىغان تۇنجى ساياھەت مەخسۇس پويىزى بولۇپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى بىلەن شىنجاڭ ساياھەت جەمئىيىتى ھەمكارلىشىپ، قىشلىق ساياھەت بازىرىنى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە كىلىماتى ۋە تەبىئىي مەنزىرىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيىتى بىلەن مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقارغان ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ.
«بۇ پويىزنىڭ پۈتۈن مۇساپىسى بەش كۈن بولۇپ، 12- ئاينىڭ 13- كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ، مەخسۇس پويىز قاتناش، <پويىز ئادەمگە بېقىپ مېڭىش> ئۇسۇلىنى قوللاندۇق، پۈتۈن مەخسۇس پويىزدا 100 ئادەم بار. بۇ قېتىملىق ساياھەت جۇڭگودا ئەڭ بالدۇر قېزىلغان، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەڭ غەربكە جايلاشقان چوڭ تاش ئۆڭكۈر توپى باي قىزىل مىڭئۆيى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئاقسۇ دولان قەبىلىسى ۋە ئونسۇ چوڭ جىلغىسى، كۇچا چوڭ جىلغىسى قاتارلىق قەدىمىي ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە تۇنجى قېتىم باي ئارشاڭ سەيلىگاھىنى تونۇشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى قار-مۇز بىلەن قاپلانغان قەھرىتان قىشتا ئاجايىپ ھېس تۇيغۇغا ئىگە قىلىمىز.» دېدى شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەت ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لىن ۋېن تونۇشتۇرۇپ. بۇ قېتىملىق ساياھەتتە مەنزىرە نۇقتىلىرى مول بولۇپلا قالماي، ساياھەتچىلەر يەنە كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە ناخشا-ئۇسسۇللىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋە شۇ جاينىڭ ئۆرپ-ئادىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەكلەرنى تېتىپ، مەدەنىيەت ساياھىتىنىڭ بىر مەيدان «مول زىياپىتى» دىن بەھرىمەن بولىدۇ.
«مەن 20 يىل ئىلگىرى ئاقسۇدا خىزمەت قىلغان، بۇ قېتىم ئاچام بىلەن بىللە بۇ نەچچە يىلدا ئاقسۇدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگىلى ماڭدۇق.» دېدى قومۇلدىن كەلگەن ساياھەتچى لى شيا.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قار-مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتاللىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تۆت پەسىل ساياھىتى نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن، قىشلىق قار-مۇز ساياھەتچىلىكى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر يېڭى «يارقىن نۇقتا» بولۇپ قالغان. 2019- يىلى، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ھازىرغىچە 90 ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا چىقارغان بولۇپ، بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا % 210 ئاشقان.