تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ھەۋەس قىلسا بولىدۇ  قارا چاپلاشنى قوبۇل قىلمايمىز

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار گەپ - سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى:

ھەۋەس قىلسا بولىدۇ    قارا چاپلاشنى قوبۇل قىلمايمىز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋېن شىن) ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىغا ئازاب ئېلىپ كەلدى دېگەن سۆزىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭگودىن ئىبارەت 56 مىللەتلىك چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بېرىلگەن تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى كەڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەنمۇ قويۇق دوستانە مۇناسىۋىتى بار. «بۇلارغا قارىتا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەۋەس قىلىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، لېكىن ئامېرىكا تەرەپ ئىغۋا تارقاتسا، قارا چاپلىسا، بوھتان چاپلىسا، بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ».

شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيەسى ھىندى ئوكيان - تىنچ ئوكيان سىلىڭبۇسىنىڭ سىلىڭى داۋىدسون نەنخەي دېڭىزى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، 5G تورى قاتارلىق قارالمىلار توغرىسىدا جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىدىغان گەپ - سۆزلەرنى ئېلان قىلىپ، بۇ ساھەلەردە «جۇڭگو تەھدىتى» مەۋجۇت، دېدى. داۋىدسون يەنە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىغا ئازاب ئېلىپ كەلدى، دېدى. 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگوغا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى مۇراجىئەت قىلدى. سىز بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىسىز؟

«ئامېرىكا تەرەپتىكى ئالاقىدار زاتلارنىڭ گەپ - سۆزلىرى بىزگە ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپلا قالماي، يەنە دەرىجىدىن تاشقىرى يالغان - ياۋىداق گەپ - سۆزلەرنى توقۇغۇچى ۋە تارقاتقۇچى ئىكەنلىكىدەك مۇشۇنداق بىر پاكىتنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى» دېدى خۇا چۈنيىڭ.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىغا ئادەتتىن تاشقىرى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، لېكىن ئۇلار ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار توپىغا قارىتا «مۇسۇلمانلارنى چەكلەش بۇيرۇقى» ئېلان قىلغان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلىدۇ؛ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئىراق، سۇرىيە، لىۋىيە، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى قوزغاپ، نەچچە مىليون بىگۇناھ ئاممىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بالا - قازاغا ئۇچرىغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى.

خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى %75 قۇرامىغا يەتكەن مۇسۇلمان ئامېرىكا جەمئىيىتىدە كۆپلەپ مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىش مەۋجۇت دەپ بىلدۈرگەن، %69 ئادەتتىكى ئاممىمۇ ئوخشاش كۆز قاراشتا بولغان. ئامېرىكىدىكى %50 مۇسۇلمان: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدا بىر مۇسۇلمان بولماق تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كەتتى، دەپ قاراشتى. مۇسۇلمانلار ئىزچىل ئامېرىكىدىكى ئەڭ كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغان توپ بولۇپ كەلدى. ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋىتى كومىتېتىنىڭ 2018 - يىلى 4 - ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2016 - يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى تەشكىلاتلارنىڭ سانى تېزلىكتە ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن. 2017 - يىلى ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ۋەقەلەردە، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەكى قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتى ئاپپاراتىنىڭ قۇترىتىشىغا ئۇچرىغان. 2018 - يىلى ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئاشىدىغان نامزات مۇسۇلمانلار ئەسلىدىنلا زوراۋان ياكى تەھدىت شەكىللەندۈرۈشكە يېقىنلىشىپ قالدى، دېيىشكەن، ئۈچتىن بىر قىسىمغا يېقىن نامزات مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تارتىۋېلىشنى مۇراجىئەت قىلغان ياكى ئىسلام دىنى دىن ئەمەس دەپ جار سالغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇسۇلمانلار سىياسىتى، جۈملىدىن ئامېرىكا دۆلىتى ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۈچلۈك كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشكە تولۇق ئاساسى بار.

«ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭگودىن ئىبارەت 56 مىللەتلىك چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى، ئۇيغۇر خەلقى جۇڭگودىكى باشقا 55 مىللەت خەلقى بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بېرىلگەن تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى كەڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەنمۇ قويۇق دوستانە مۇناسىۋىتى بار. بۇلارغا قارىتا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەۋەس قىلىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، لېكىن ئامېرىكا تەرەپ ئىغۋا تارقاتسا، قارا چاپلىسا، بوھتان چاپلىسا، بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى خۇا چۈنيىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.