تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) 2013 - يىلى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ رۇسىيە موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «ئىنسانلار ئوخشاش بىر يەر شارى كەنتىدە ياشاۋاتىدۇ، تارىخ بىلەن رېئاللىق گىرەلەشكەن ئوخشاش بىر زامان ۋە ماكاندا ياشاۋاتىدۇ، بارغانسېرى بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا سىڭىشكەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىۋاتىدۇ».

بۈگۈنكى دۇنيادا، ئىنسانلار 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، «دۇنياغا نېمە بولدى؟ ئىنسانلار قانداق قىلىدۇ؟» دېگەن دەۋر سوئالى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تىنچ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئىشتابىدىن جەنۋەدىكى باش ئىشتابىغىچە، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدىن شىۋېيتسارىيەدىكى داۋۇس مۇنبىرىگىچە، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەر يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش يىغىنىغىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپلىگەن مۇھىم، زور خەلقئارا سورۇنلاردا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى، يەنى سۆزلىشىپ كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئالماشتۇرۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى چوڭقۇر شەرھلەپ چۈشەندۈردى.

تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، گۈللىنىشكە ئىنتىلىشتىكى ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق تەرەققىيات، سىجىل گۈللىنىش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھۆججىتىگە كۆپ قېتىم كىرگۈزۈلۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشىپ، جۇڭگونىڭ دەۋر ئېقىمى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشىدىكى روشەن بايراققا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى