تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) 2014 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، ئوخشاش بولمىغان ساھەدىن كەلگەن 72 ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسى قاتناشتى. بۇ 1942 - يىلىدىكى يەنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن پارتىيەمىز ئاچقان ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى توغرىسىدىكى يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن.

يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنىڭ ئورنى، رولى ۋە مۇھىم، زور بۇرچىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىجادىي جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋردە ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«ئەدەبىيات - سەنئەت دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى بولۇپ، بىر دەۋرنىڭ قىياپىتىگە ئەڭ ۋەكىللىك قىلالايدۇ، بىر دەۋرنىڭ كەيپىياتىغا ئەڭ يېتەكچىلىك قىلالايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم ئىشى، ئەدەبىيات - سەنئەت سېپى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم سېپى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ رولى تەڭداشسىز، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى نى - نى ئىشلارنى قىلالايدۇ، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئورنى ۋە رولىنى يۈكسەك دەرىجىدە تونۇپ، ئۆزى زىممىسىگە ئالغان تارىخىي بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى تونۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ يارىتىپ، جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن كەلگۈسىگە ئاتلىنىشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى سىجىل گۈللەندى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى گۈللەپ راۋاجلاندى، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە يېڭى قىياپەت، يېڭى كەيپىيات نامايان قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى، يىلتىزنى پەرۋىش قىلىپ، روھنى تاۋلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى