تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلار

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى يوۋ لياڭيىڭ ئىنىسى مەمەتتۇرۇپ مۇساق بىلەن بىللە.

    ھەنىپە ئالىماخۇن ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان 10 نەچچە بالىنى بېقىۋالدى.

   27 يىلدىن بۇيان، پەن يۈليەن ئاچقان مەھەللە «مېھىر-شەپقەت دەرسخانىسى» 2000دىن ئارتۇق بالىنى ھاۋالىلىك باقتى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى.  

   ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى قۇربان نىياز بالىلارنىڭ قەلبىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى چاچتى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 27-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى قوشماقلاشقان بالىلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.

 كورلا مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت مۇزېيىنىڭ كادىرى خەيرىگۈل مۇرات (ئوڭدىن بىرىنچى) خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە قوشماقلاشقان تۇغقىنى خەلچەم ئەخەت (سولدىن ئىككىنچى)نىڭ پاختا غوزىكى سويىشىغا ياردەملەشمەكتە.

  ساۋەن ناھىيەسى ئاھالىسى ئابلاجان تۇردى (ئالدىنقى رەت سولدىن تۆتىنچى) بىر ئائىلە كىشىلىرى ئائىلە بويىچە سۈرەتكە چۈشمەكتە. ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان.

  پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسى يانئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەتجان ئەركىن (ئوڭدىن ئۈچىنچى) «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى ئۆيىگە جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى.

    ئاقسۇ شەھىرى شىڭلۇڭ كوچىسى بىلەن ۋاڭسەن كوچىسىدىكى سودىگەرلەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

 كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرى يۇڭكۇ ئىتتىپاق كەنتىدىكى دېھقانلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى تىلىدى.   

   بۈگۈنكى شىنجاڭدا، بىپايان زېمىننىڭ ھەممىلا يېرىدە بىر-بىرىدىن ئىناق ئۆتىدىغان ئۇرۇق-تۇغقانلار، تەسىرلىك ھېكايىلەر ئۇچرايدۇ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېلودىيەسى ياڭرىماقتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش»تەك سەمىمىي ئۈمىدى رېئاللىققا ئايلاندى.

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، ئىشلىرىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىدىكى كۈچ ۋە ئۈمىد. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ھىمايىسىدە، شىنجاڭ زېمىنى تىنچ، ئىناق بولدى.

    تاما-تاما كۆل بولۇر، نۇرغۇن دەرەخ ئورمان بولۇر. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالىي مەنپەئىتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تېخىمۇ كۆركەم ئېچىلدۇرىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى