تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

قاراقاشنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسى: «ئالتۇن كېپىنەك» شىركىتىنىڭ ئىككى «باشلىق»ى

جاڭ شىتاڭ (ئوڭدىن 2-كىشى) ئەخەت باكىر (سولدىن ئىككىنچى)نىڭ ئۆيىدە مېھمان بولماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۈن يۇەنيۇەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز گو خۇەيتيەن، جاۋ فېي، ئابلىكىم ئابدۇمىجىت فوتوسى، خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 8-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراقاش بازىرى تۆۋەنكى قاپاقلا كەنتىدىكى شىنجاڭ ئالتۇن كېپىنەك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىدە، زاۋۇت باشلىقى جاڭ شىتاڭ باش مۇدىر ئەخەت باكىرغا شىركەتنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا. «ئەخەت مۇدىر قاراڭ، بۇ بىزنىڭ يېڭى مەھسۇلاتىمىز، سىزنىڭچە قانداقراق بوپتۇ؟» «ئىجادچانلىققا ئىگە بوپتۇ!» ئەخەت كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

شىركەت خىزمەتچىلىرى زىبۇ-زىننەت پىششىقلاپ ئىشلىمەكتە.

  فۇجيەن ئۆلكىسى پۇتيەن شەھىرىدىن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراقاش بازىرى تۆۋەنكى قاپاقلا كەنتىگىچە، تاڭ بىلەن ئەخەت ئىككىيلەننىڭ قېرىنداشلىق رىشتى چىڭ باغلاندى، تۆت يىلنىڭ ئالدىدىكى يەتتە كىشىلىك كىچىك كارخانا ھازىرقى 100 نەچچە كىشىلىك شىركەتكە تەرەققىي قىلدى.

  2015-يىلى 5-ئايدا، ئالتۇن پىششىقلاش كارخانىسى قۇرماقچى بولغان ئەخەت فۇجيەن ئۆلكىسى پۇتيەن شەھىرىدىن ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش جەريانىدا، 31 ياشلىق، تېخنىكىغا پىششىق، باشقۇرۇش تەجرىبىسى مول جاڭ شىتاڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدى ھەمدە ئۇنى قاراقاش ناھىيەسىدە بىللە ئىگىلىك تىكلەشكە تەكلىپ قىلدى. جاڭ شىتاڭنىڭ ئۆيى پۇتيەندە بولۇپ، يىراق جايلارغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەشتە خېلىلا ئىككىلەندى.

  نتوپتوغرا بىر ئاي، ئەخەت كۈندە جاڭ شىتاڭغا تېلېفون بېرىپ، سەمىمىيىتى بىلەن جاڭ شىتاڭنى تەسىرلەندۈردى، ئۇلار تۆۋەن قاپاقلا كەنتىگە بىللە كېلىپ، ئىگىلىك تىكلەش يولىنى باشلىدى.

جاڭ شىتاڭ (سولدا) ئەخەت باكىر (ئوڭدا) بىلەن بىللە شىركەتنىڭ يېڭى مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلماقتا.

  كېلىپ يېرىم ئاي ئۆتمەيلا، جاڭ شىتاڭ ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى مۇھىت ۋە كىلىماتقا كۆنەلمەي، قايتىپ كېتىشنى ئويلاشتى. ئەخەت ئۇلار بىلەن نۇرغۇن قېتىم پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىشىپ بەردى. جاڭ شىتاڭنىڭ خوتۇنى لۇ يەن شۇ چاغلارنى ئەسلەپ:«يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ بىر مەھەل كۆنەلمىدۇق، بىراق ئەخەت ئاكام بىزگە خۇددى ئۆز ئۆيىمىزدىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلدى، كۆيۈندى، بىز ئۇنىڭدىن قېرىنداشلارچە مېھىر-مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇق» دېدى.

   ئۇلار قېلىپ قىسقىغىنە يېرىم يىلدىلا شىركەتنىڭ ئىشلىرى ئىزىغا چۈشتى، ھەممە ئىشلار ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلدى. ئەپسۇسكى ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى، بىر نەچچە ئاي ئۆتمەيلا، جاڭ شىتاڭ ئاكىسىنىڭ ئاشقازان راكىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش خىراجىتىگە ئامال قىلالماي قالدى، ئەخەت ھېچ ئىككىلەنمەستىن 30 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئاۋۋال يۇرتقا قايتىپ ئاكىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشنى ئېيتتى. جاڭ شىتاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىش مېنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى.»

جاڭ شىتاڭ بىلەن ئەخەت باكىر بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.

  ئىككى ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، ئەينى چاغدىكى يەتتە كىشىلىك كىچىك دۇكان تەرەققىي قىلىپ مېھمانساراي، يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىمۇ قوشۇمچە تىجارەت شەكلى قىلغان چوڭ تىپتىكى سودا چەكلىك شىركىتىگە ئايلاندى. ئىككىيلەنمۇ سەمىمىي، چىن ھېسسىياتى بىلەن قېرىنداشلارچە مېھىر-مۇھەببەت باغلىدى.

  شىركەت يەنە ئەتراپتىكى 80 نەچچە نەپەر ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئىشچى باھار مەخمۇت مۇنداق دېدى: «ھازىر مەن ھەر ئايدا ئۈچ مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىمەن، نۇرغۇن تېخنىكا ئۆگىنىۋالدىم، ئائىلە شارائىتىمىزمۇ ياخشىلاندى، بەك خۇشال بولدۇم.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاشلىق زاپىسى يېتەرلىك، بازار تەمىناتى تەرتىپلىك بولدى
  • خوتەنلىك 171 دېھقان ئىشلەمچى ھۆددە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، خۇنەندىكى ئىش ئورنىغا ئىشلەشكە ماڭدى
  • شىنجاڭدىكى كېسەللىكنى كونترول قىلغۇچىلار: بىز قومۇلدا، ۋىرۇسقا يوشۇرۇنغىدەك جاي قالدۇرمايمىز