تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[گۈزەل شىنجاڭ] تەبىئىي ئوكسىگېنخانا كېپىنەك كۆلى باغچىسى

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، بىر جۈپ ئاتا - بالا كۆل ئەتراپىدا سەيلە قىلىپ، قىش پەسلىدىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جەزىرە نېسىببېك، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاۋ جيەن خەۋىرى، فوتوسى): كېپىنەك كۆلى باغچىسى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 606 مو، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ رايونىنىڭ كۆلىمى 270 مو، كۆكەرتىلىش نىسبىتى % 80 تىن ئاشقان بولۇپ، تەبىئىي ئوكسىگېنخانا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ سۇ دائىرىسىنىڭ شەكلى خۇددى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن كېپىنەككە ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن كېپىنەك كۆلى دېگەن نامىمۇ بار، 2017-يىلى كېپىنەك كۆلى باغچىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلىرى ئارام ئالىدىغان، بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.

  ھاۋا سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت جەمئىيىتى بۇ يىل 7-ئايدا توققۇزتارا ناھىيەسىگە «جۇڭگودىكى تەبىئىي ئوكسىگېنخانا»دەپ نام بەردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسى «چېگرا بوستانلىقى. ماي بوياق رەسىمدەك گۈزەل ئىلى» دېگەن نامنى چۆرىدەپ، تىرىشىپ «ئېكولوگىيەسى گۈزەل. بەختلىك ۋە خاتىرجەم» يېڭى توققۇزتارا قۇرۇپ، مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى