تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شەرەپلىك تارىخنى قەدىرلەپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك

شى جىنپىڭ ئارمىيەنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

شەرەپلىك تارىخنى قەدىرلەپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك

پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى ھەم «ئۈچ ئىلغار»لارنى تەقدىرلەش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي شىشيۇڭ) رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى ھەم ئىلغار كادىرلار ساناتورىيەسى، ئىلغار دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، ئىلغار پېشقەدەم كادىرلار خىزمەتچىلىرىنى تەقدىرلەش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى پېشقەدەم كادىرلار خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار پارتىيە رەھبەرلىك قىلغان ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان، پارتىيە ۋە خەلق مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. كەڭ دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرەپلىك تارىخنى قەدىرلەپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ئورگان ۋە كەڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمەتچىلىرى پارتىيەمىز، ئارمىيەمىزنىڭ ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پېشقەدەملەرنى ھۆرمەتلەپ، پېشقەدەملەرگە كۆيۈنۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئارمىيەنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ئارمىيەدىكى پېشقەدەم كادىرلارنىڭ تارىخىي تۆھپىسى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئارمىيەنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئورنى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، كەڭ پېشقەدەم يولداشلارغا بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى تېخىمۇ بەجانىدىل ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

جاڭ يوۋشيا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رېئال زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، كاپالەتلەندۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاپ، سىياسەت، تۈزۈمنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى تىپ ئۆزگەرتىپ راۋاجلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچى، بايلىقىنى مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭىچە مۇلازىمەت كاپالىتى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. كەڭ پېشقەدەم كادىرلارنىڭ قەتئىي تۈردە يادرونى قوغداپ، قوماندانلىققا بويسۇنۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يىغىندا بەش يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلغاندىن بۇيانقى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى خۇلاسىلەندى، يېڭى تۈزۈلمىدىكى پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەتقىق قىلىندى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى 19 ئىلغار كادىرلار ساناتورىيەسى، 35 نەپەر دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىر، 15 نەپەر پېشقەدەم كادىرلار خىزمەتچىسى تەقدىرلەندى.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مياۋ خۇا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى، ھەرقايسى ئارمىيە، قىسىم تۈرلىرى، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە داشۆسى، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا داشۆسى، قوراللىق ساقچى قىسىم رەھبەرلىرى قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.