تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە كېلىشكىنى بويىچە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مىچېلنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى ھەم ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو، ياۋروپا ھەممىسى كۆپ تەرەپچىللىكنى، ئەركىن سودىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەممىسى دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغدايدۇ، ھەممىسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قائىدە بويىچە ئىش قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - ياۋروپانىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق، ئېنىقلىق، ئاكتىپ كۈچ ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن قارايدۇ، جۇڭگو - ياۋروپا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بولۇپ، نۆل نەتىجىلىك رىقابەت رەقىبلىرىدىن ئەمەس. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن خىرىس ئەمەس، پۇرسەت. جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى كەڭ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان سىياسەتتە ئىزچىللىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارادا پائال ۋە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاپپاراتىنىڭمۇ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسەتتە ئىزچىللىق ۋە ئالدىن كۆرەرلىكنى ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى داۋاملىق پائال، ئىجابىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئېشىش، ئىسلاھات، مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پائال، ساغلام تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، كېلەر يىلىدىكى جۇڭگو - ياۋروپانىڭ بىر قاتار مۇھىم ئالاقە ۋە كۈنتەرتىپلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا - ئاسىيا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ھاسىل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى»نى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرگە پايدىلىق توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مىچېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان قارىشى ۋە تەكلىپىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ياۋروپا - جۇڭگو خەلقئارا قائىدىنى قوغداش، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم ئورتاق تونۇشقا ئىگە. ياۋروپا - جۇڭگو ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىككى تەرەپ ھەمدە دۇنيانىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. كېلەر يىلى ياۋروپا - جۇڭگونىڭ بىر قاتار مۇھىم يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ھەم ھەمكارلىق مۇھىم نۇقتىلىرى بار. ياۋروپا تەرەپ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئالاقىدار پائالىيەت ۋە ھەمكارلىقتا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ھەم دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىللە ياخشى، قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ياۋروپا - جۇڭگو ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال، ئىجابىي رولۇمنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.