تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆپ دۆلەتتىكى زاتلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىنى تەنقىدلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، كۆپ دۆلەتتىكى زاتلار شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلاپ، تۆھمەت چاپلاپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمى ھەمدە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتەك رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلىدى.

ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى روبېرت گرىففىس مۇنداق دېدى: ئۆزۈم شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغاندىكى كەچۈرمىشىم، كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن، «بارلىق ئەيىبلەشنىڭ ھەممىسىنىڭ چىن ئەمەس»لىكىنى بىلىمەن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكىنىڭ «ھاكاۋۇرلۇق ۋە يولسىزلىق بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشىنىڭ يەنە بىر دەلىلى»، ئۇلار پەقەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تۇتقا قىلىپ، جۇڭگونىڭ مەنپەئىتى ھەم دۇنيادا كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان شۆھرىتىگە زىيان يەتكۈزۈشنىلا ئويلايدۇ.

پاكىستان پاكىستان - جۇڭگو تاراتقۇ مۇنبىرىنىڭ مەسئۇلى سۇدان خالى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا بىۋاسىتە ئارىلاشقانلىق. مەن ئىلگىرى شىنجاڭغا بېرىپ زىيارەتتە بولغان، شۇڭا مەن غەرب تاراتقۇلىرىدا شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ئەھۋاللارغا قارىتا كۆپلىگەن ساختا تەشۋىقاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىمەن. تېررورىزمنىڭ رايون چېگراسى يوق بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىسى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.

ئافغانىستان «ئافغانىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى مەنسۇر فايىز جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا قوللانغان ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن يېقىندا شىنجاڭغا بېرىپ زىيارەتتە بولدۇم، مەن كۆرگەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرى بىلەن زور پەرقلىنىدۇ، كەيپىيات ئەركىن، دوستانە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىدە بۇ يەردە ئۆگەنگەن كەسپىي ماھارىتىگە تايىنىپ خىزمەت تېپىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.

قىرغىزىستاننىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى مارس سالىيۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمەلىيەت ئاللىقاچان ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا قوللانغان بىر قاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى قوغداشقا پايدىلىق. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق، بۆلگۈنچىلىكنى قوللىغانلىق، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىق. شىنجاڭنىڭ ئىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق.

سۇرىيەنىڭ جۇڭگو مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئامرو مېكداد مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئاشكارا ئارىلاشقانلىق، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىنىڭ ئىپادىسى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن شىنجاڭدا يولغا قويغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرى شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىق تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى ۋە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

ئىران مۇستافا پەن - تېخنىكا فوندى جەمئىيىتى ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سەيىد مىرھاشىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ مىللەت، دىن ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، بۇ ئىچكى ئىش كاتېگورىيەسىگە تەۋە، سىرتنىڭ ھەرقانداق ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئىران مۇخبىرىنىڭ شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن يازغان خەۋىرىدە رەڭدار، ئىناق شىنجاڭ تونۇشتۇرۇلدى.

مالايسىيا تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ سىياسىيشۇناسلىق پىروفېسسورى ئاسىم ھاسان مۇنداق قارىدى: ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدىكى ئۇسۇلى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئامېرىكىنىڭ غەرىزىدىن گۇمانلاندۇرىدۇ. مالايسىيامۇ ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق، سودا قاتارلىق مەسىلىلەردە ئامېرىكىنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغان ۋاسىتە بىلەن بېسىم ئىشلىتىشىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكا ھە دېسىلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىدۇ، بۇ ئۇنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپ - خەتىرىگە دۇچار قىلدى.

ئېكۋادور دۆلەت ساقچى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى سانتىئاگو ئالۋاي مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشتىكى مەقسىتى جۇڭگوغا ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا كاشىلا قىلىپ، جۇغراپىيەلىك سىياسىي كۈچ سىنىشىشتا تېخىمۇ زور مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

(قاتناشقان مۇخبىرلار: سۈن شياۋلىڭ، لى خاۋ، چېن شىن، زوۋ دېلۇ، گۇەن جيەنۋۇ، جېڭ يىخەن، مۇ دۇڭ، لىن خاۋ، خاۋ يۈنفۇ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.