تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ، شىنجاڭغا بوھتان چاپلاش نىيىتى رەزىل

شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلار:

ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ، شىنجاڭغا بوھتان چاپلاش نىيىتى رەزىل

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۈ تاۋ

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى دەپسەندە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش» قاتارلىق ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۆزلەر بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە بوھتان چاپلىدى، شىنجاڭغا قارا چاپلىدى. شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلار بەس - بەستە ئىنتايىن غەزەپلىنىدىغانلىقىنى، قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى كۈلكىلىك ئويۇنى شىنجاڭنىڭ ئىشىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش رەزىل نىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ سۇيىقەستى جەزمەن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، دەپ قارىدى.

جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ

«شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ» دېدى شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ يۈەنجاڭى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز.

ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شىنجاڭغا ئەسەبىي ئىدىيە سىڭىپ كىرىپ، يامراپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، كىشىلەر ھەر كۈنى جىددىيلىك، ۋەھىمە ئىچىدە ياشىدى. ھازىر، شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش ئارقىلىق مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بەردى، ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈزبەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

«شىنجاڭ مەسىلىسى مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى» دېدى جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا.

ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالدىنقى بىرنەچچە يىلدا، ئەتراپىمدىكى بىرقانچە ئاممىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىغا ئۆزۈم بىۋاسىتە گۇۋاھ بولدۇم، بەزىلىرى مەسچىتكە كىرىپ نورمال دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى «كاپىر» دەپ قارىدى، بەزىلىرى بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا يول قويمىدى، بەزىلىرى «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ»نى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى تەرغىب قىلدى، بەزىلىرى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بېرىش - كېلىش قىلمىدى، ياشانغانلارغا ۋاپادار بولمىدى، بالىلىرىنى باقمىدى قاتارلىقلار. «ئەگەر دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى قىلچە تەپ تارتماي ئۆز مەيلىچە داۋاملىق تارقىتىۋەرسە، شىنجاڭنىڭ يەنە ئەتىسى بولامدۇ؟ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يەنە بەختلىك تۇرمۇشى بولامدۇ؟»

«شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغاندا، ئامېرىكىنىڭ كارى بولمىدى؛ ھازىر جەمئىيەت مۇقىم بولدى، ئەمما ئۇلار ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى> ئويدۇرۇپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى مىللىي ئارازلىق پەيدا قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنى ئايرىپ چىقىپ كېتىش.» شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى قەشقەر شۆبە شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھەبىبۇللا ياسىن مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكا، غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ جۇڭگوغا، شىنجاڭغا كەلسە - كەلمەس قول تىقىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، بىز ھەرقانداق دۆلەت، ھەرقانداق كۈچ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل ئارقىلىق بىزنىڭ بۈگۈنكى تەستە قولغا كەلگەن گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز».

شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك بولدى، ئەسقاتتى

«شىنجاڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، جىنايى قىلمىشى يېنىك ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بار كىشىلەرنى ئەڭ زور چەكتە قۇتقۇزۇپ، ئەڭ زور چەكتە پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشتىن ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلدى» دېدى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز.

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كومسوموللار بازىرى تۆۋەنكى جام كەنتىدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى ئەخمەت ئوسمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە قارىتا ھەقسىز تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىشى زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىشى، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىشىنى توسۇش، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى يوقىتىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، شۇنداقلا تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە قانۇن سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش، ئەمگەك ماھارىتى ئىگىلىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى.

«تەلىم - تەربىيە مەركىزى مەكتەپ خاراكتېرىگە تەۋە بولۇپ، ئۇ يەردە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار سەپلەنگەن، قانۇن بىلىملىرى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، كەسپىي ماھارەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئوقۇتۇش قانات يايدۇرۇلۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئەسەبىزم ئىدىيەسى ئۆزلۈكىدىن تۈگىتىلىدۇ.» قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىنىڭ يەكەن بازىرى يىپەك مەھەللىسىدىكى ئالتۇن مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئابدۇۋەلى ئابلىمىت مۇنداق دېدى: «مەن ناھايىتى كۆپ تەلىم - تەربىيە مەركىزى نەق مەيدانىغا بارغان، مەيلى تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلىۋاتقان تەربىيەلەنگۈچىلەر بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بولسۇن، تەربىيەلەشكە قاتنىشىشنى ئىنتايىن قوللايدۇ».

«بىلىشىمچە، كەنتىمىزدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ياتاقلىق تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۆيىگە قايتالايدىكەن، ئىشى بولسا رۇخسەت سورىيالايدىكەن، ھەر ۋاقىت ئۆيىدىكىلەر، دوستلىرى بىلەن ئالاقىلىشەلەيدىكەن، تېلېفونلىشالايدىكەن.» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ جىرغىلاڭ يېزىسىدىكى ئوشاغاندى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئەسبىدىن سەمەت مۇنداق دېدى: «تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك، ئەدەپلىك، ئەمگەكنى سۆيىدىغان، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، قانۇننى بىلىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان بولدى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە رازى بولغۇدەك خىزمەت تاپتى. دەل تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ۋاقتىدا قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىدىن قايتۇرۇپ كەلدى».

ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دېدى: «بۇ يىلدىن بۇيان، مەن 40 نەچچە تۈركۈمدىكى چەت ئەللىك مېھمانلارنى كۈتۈۋالدىم، ئۇلار بەس - بەستە تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇسۇلغا يۈكسەك باھا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئالقىشلىدى، شىنجاڭ ناھايىتى گۈزەل بولۇپلا قالماي، بەلكى ناھايىتى بىخەتەر ئىكەن، دەپ قارىدى».

شىنجاڭدىكى پۇقرالار خاتىرجەم ياشىماقتا، مۇقىملىق پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلمەكتە

«بىزنىڭ بۇ جايدا ئىلگىرىكى كېسەك ئۆيلەر ئەمىن ئۆيلەرگە ئۆزگەردى، پاتقاق يوللار ئاسفالت يوللارغا ئۆزگەردى، ئېشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇش توكسىكلىتقا، پىكاپقا ئولتۇرۇشقا ئۆزگەردى، كۆل سۈيى ئىچىش تۇرۇبا سۈيى ئىچىشكە ئۆزگەردى.» خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ چىنىباغ كوچا باشقارمىسىدىكى كوناشەھەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمەت مەمتىمىن مۇنداق دېدى: مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە چوڭ بولغان جەنۇبىي شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېقىنقى يىللاردىكى تۇرمۇش سەۋىيەمىزنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسكەنلىكىنى ئۆزۈم بىۋاسىتە ھېس قىلدىم.

مەمەت مەمتىمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت يەنە مەسچىتكە مۇنچا، سۇلۇق ھاجەتخانا سېلىپ بەردى، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئىچىدىغان سۇ ئۈسكۈنىسى، ئاياغ قاپلىغۇچى ماشىنا قاتارلىق خەلققە قولاي ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ بەردى، بىز دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىمۇ بارغانسېرى بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە بولدۇق».

ناھايىتى كۆپ تەربىيەلەنگۈچى تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن ماھارەتلىرى ئارقىلىق، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى. قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە مۇنداق دېدى: مەن تونۇيدىغان تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى ئەكرەم تۇرسۇننىڭ تەلىم - تەربىيە ئۆگىنىشى ئارقىلىق ھازىر قانۇنچىللىق قارىشى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپتۇ، «ئىلگىرى سودا - سېتىق توختامىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان ئۇ، ھازىر نېمە ئىش قىلسۇن ھەممىسىدە قانۇنغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىدىغان بوپتۇ. ھازىر ئۇ قاشتېشى بۇيۇملار دۇكىنى ئېچىپ، ھەر ئايدا 6000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ».

ئابدۇۋەلى ئابلىمىت مۇنداق دېدى: ئامېرىكا، غەربتىكى بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەر رەزىل مەقسىتىنى چىقىش قىلىپ، ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى ئىنكار قىلدى، بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەتئىي قوشۇلمايدۇ.

شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى كېرەم ئابلىز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى توسىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست جەزمەن مەغلۇپ بولۇش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىمىز ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىمىزنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.