تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

غاز بېقىش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تۈرتكە بولدى

11- ئاينىڭ 17- كۈنى، كەنت ئاھالىسى نۇر مەمەت غاز فېرمىسىدا غاز تۇخۇمى يىغماقتا.

11- ئاينىڭ 17- كۈنى، ۋاڭ فېڭ (سولدىن 2-كىشى) كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە نەسىللىك غازنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

11- ئاينىڭ 17- كۈنى، ۋاڭ فېڭ كەنت ئاھالىلىرىگە غاز بېقىش بىلىملىرىنى ئۆگەتمەكتە، بۇنداق مەركەزلىك تەربىيەلەش ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ.

كەنت ئاھالىلىرى غاز فېرمىسىدا غاز باقماقتا ( 11-ئاينىڭ 17- كۈنى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان).

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جۇ پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 11- ئاينىڭ 17- كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسى تەڭكەش كەنتىدىكى غاز فېرمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ فېڭ كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇۋاتقان ئاق غازلارنىڭ ئورمان بەلبېغىدا، سۇ يۈزىدە دانلاپ، ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدا ئىختىيارسىز مۇنداق دېدى: «يەنە بىر ئايدىن كېيىن، تۇنجى تۈركۈمدىكى غاز تۇخۇمىنى بازارغا سالىمەن، ساپ كىرىمىمنىڭ 600 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىنى مۆلچەرلەۋاتىمەن.»

  2018 - يىلى 1- ئايدا، توردىن قاراقاش ناھىيەسى ئېلان قىلغان كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش تۈرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، غاز بېقىش تېخنىكىسى بار ۋاڭ فېڭ شەنشىدىن تەڭكەش كەنتىگە كەلدى. تەكشۈرۈش جەريانىدا شۇ جايدىكى نۇرغۇن كۆلچەك ۋە سۇ يۈزىنىڭ كۆلەملەشتۈرۈپ غاز بېقىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ، مەبلەغ سېلىپ شۇ جايدا غاز بېقىشنى قارار قىلدى.

  2018 - يىلى 5- ئايدا، تەڭكەش كەنتى غاز فېرمىسىدا ئىش باشلاندى، بۇ يىل 4- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، ئالتە غاز كاتىكى سېلىندى ھەمدە 12 مىڭ غاز چۈجىسى سېتىۋېلىندى.

  بۇ يىل 8- ئايدا، كەنتنىڭ قوللىشى بىلەن، ۋاڭ فېڭ باشلامچىلىق بىلەن غاز بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ غاز بېقىپ بېيىشنى قارار قىلدى.

  نۇر مەمەت ئەڭ بۇرۇن كوپىراتىپقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن غاز فېرمىسىدا ئىشلەيمەن، بىر ئايلىق مائاشىم 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئۆزۈم يەنە 30 غاز چۈجىسى سېتىۋېلىپ غاز فېرمىسىدا بىر تۇتاش باقىمەن، يىل ئاخىرىدا يەنە پايدا ئالالايمەن. كېلەر يىلى، مەن يەنە 100 غاز بېقىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلىماقچى.»

  نامرات كەنت ئاھالىسى بۇخەدىچەم ئەركىن مۇنداق دېدى: «مەن غاز فېرمىسىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە غاز بېقىش تېخنىكىسىنى تىرىشىپ ئۆگەندىم، بۇنىڭدىن كېيىن غاز بېقىشقا تەييارلىق قىلىپ، نامراتلىق قالپىقىنى تېزدىن چۆرۈپ تاشلايمەن.»

  ھازىر تەڭكەش كەنتىدىكى 124 كەنت ئاھالىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەيدۇ، بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى غاز چۈجىسى سېتىۋېلىپ كوپىراتىپتا مەركەزلىك باقتى، بىر تۇتاش باشقۇردى ۋە ساتتى.

  «بىز بۇ يەردە غاز بېقىش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ۋاڭ فېڭغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ۋە ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، ‹كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى› ئەندىزىسى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىمىز،» دېدى ياۋا يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شيا شياۋلۇڭ.

  2019- يىلى، قاراقاش ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن يېزا-بازار ئىچكىرى رايوندىن غاز بېقىش ئىختىساسلىقلىرى ۋە ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، غازچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. ھازىرغىچە، ناھىيە بويىچە 105 مىڭ غاز بېقىلىۋاتقان بولۇپ، 243 مىڭ 700 غاز يېتىشتۈرۈلۈپ، 600دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى