تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تيەنجىن: لىشېن باتارېيە ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتىنى زىيارەت

12-ئاينىڭ 9-كۈنى، تيەنجىن لىشېن 6-قارار A زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچى ئۈسكۈنىنى كونتىرول قىلماقتا.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: تيەنجىن لىشېن باتارېيە پاي چەكلىك شىركىتى 1997-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسى، ئۇنىڭ يىللىق لىتىي ئىيونلۇق ئاككۇمۇلياتورلۇق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 10 مىليارد ۋات سائەت بولۇپ، خەلقئارا يۇقىرى دەرىجىلىك بازارلارنى ئىگىلەش نىسبىتى دۇنيا لىتىي باتارېيەسى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لىشېن باتارېيەسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق جەھەتتە سېلىنمىنى ئاشۇردى. 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدا لىشېن باتارېيەسى تەخمىنەن 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سەرپ قىلىپ قۇرغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت — تيەنجىن لىشېن 6-قارار A زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئۈچ ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ھەر كۈنى ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان لىتىي ئىيونلۇق ئېنېرگىيە باتارېيەسىدىن تەخمىنەن 36 مىڭنى ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ، ئىلگىرىكى ئادەم كۈچى زىچ يىرىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەخمىنەن ئالتە ھەسسە ئاشقان بولۇپ، كارخانا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا ماڭدى. (لى رەن فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى