تىيانشان تورى خەۋىرى: جىمىسار ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 2018-يىلى 1-ئايدا جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ يولى مەھەللىسىدە تۇرغاندىن بۇيان، مەھەللە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىشتە ياخشى تەدبىر قوللىنىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ «تايانچى»سىغا ئايلاندى.
مەھەللىدىكى بىر قىسىم كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز، مەھەللە ئاساسىي قاتلام تەشكىلات بەنزىسىدە «يېتەرسىزلىك» ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا قارىتا، خىزمەت ئەترىتى مەھەللە كادىرلىرى دەرسخانىسى، ئەخلاق دەرسخانىسى، «قىزىل كىنوخانا»، «كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى قىزىل رەڭلىك ئۆتىڭى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قەرەلسىز قانات يايدۇرۇپ، «مەڭگۈ كەتمەيدىغان خىزمەت ئەترىتى»نى كۈچەپ بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت تەرتىپى، قائىدىسى ۋە ئىش بىجىرىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇپا ھازىرلاپ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ۋە تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«خىزمەت ئەترىتى مەھەللىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا ئىش ئورنى بېكىتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايرىپ بەردى، پارتىيە ئەزالىرى ئۆگىنىش ۋە مەھەللە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قەلبى ھەقىقىي بىر يەرگە جەم بولدى.» دېدى مەھەللە پارتىيە ئەزاسى جاڭ چىڭفا تەۋەلىكىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەسىراتىنى ئېيتىپ.
بېيتىڭ يولى مەھەللىسىدە كۆچمە نوپۇس ۋە تۈرلۈك سودا تور نۇقتىلىرى كۆپ، خىزمەت ئەترىتى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ۋەزىپە مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەترەت ئەزالىرى بىلەن مەھەللە كادىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، زىيارەت قىلىش پىلانى تۈزۈپ، كادىرلار ھەر كۈنى ئەھۋال ئىگىلەش، ئاھالىلەر ھەر كۈنى كادىرلار بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، خىزمەت ئەترىتى ۋە تەۋەلىكىدىكى ئامما ئارىسىدا ھەر كۈنى «يۈز كۆرۈشۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى.
خىزمەت ئەترىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتتى، مەھەللە كادىرلىرى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى دائىم ئۆزلىرىنىڭ قوشماق تۇققانلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى.
خەلقنىڭ رايىغا باقتى، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى. خىزمەت ئەترىتى بىر ئىشنى بېكىتىش، بىر ئىشنى قىلىش، بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقرىشتا چىڭ تۇردى. «سەككىز تۈرلۈك مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا «ئارىلىقسىز» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەھەللە ئاھالىسى ياڭ شيۇجۈەن مۇنداق دېدى: «مەن خىزمەت ئەترىتى ئۇيۇشتۇرغان ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ئالدىم، ناھىيەلىك ئامانلىق ساقلاش شىركىتىدە ئىشلەۋاتىمەن، ئايلىق ئىش ھەققىم 3000 يۈەن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماڭا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.»
بۇنىڭدىن سىرت، خىزمەت ئەترىتى يەنە «580» يەنى «مەن سىزگە ياردەم قىلاي» خاس مۇلازىمەت ماركىسىنى يارىتىپ، «ئارىلىقسىز » پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز تەۋەلىكىدىكى ياردەم بېرىشكە تېگىشلىك ھەر بىر ئائىلىگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى. خىزمەت ئەترىتى تەۋەلىكىدىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار كۆپ، مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش قىيىن بولۇشتەك ئالاھىدە ئەھۋالغا قارىتا، خىزمەت ئەترىتى«ۋاقىتنى تەڭشەش خىزمەت تۈزۈمى»دە چىڭ تۇرۇپ، كەچلىك ۋاقىتتىن، دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، خىزمەتنى ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلىدى. خىزمەت ئەترىتى يەنە بەش پىدائىيلار قوشۇنى تەشكىللەپ، مەھەللىدىكى نامرات ئائىلىلەرگە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىئانە قىلىش، خالىس تازىلىق قىلىش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن ھال سوراش، ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارنىڭ ئۆيىنى تازىلاپ بېرىش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇردى.