12- ئاينىڭ 8- كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئىككى ئاق گەجگە تۇرنىنى قويۇپ بەرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: شۇ كۈنى، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئاپپاراتلىرى جياڭشى پوياڭخۇ كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا قۇتقۇزۇۋېلىنغان 120 دانە ئەتىۋارلىق پەسىل قۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قويۇپ بەردى. 12- ئاينىڭ 7- كۈنى، 2019 پوياڭخۇ كۆلى خەلقئارا قۇشلارنى تاماشا قىلىش ھەپتىلىكى جياڭشى نەنچاندا ئۆتكۈزۈلدى، بەش كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەت ئىلىم مۇنبىرى، پەسىل قۇشلىرىنى قويۇپ بېرىش، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى، ئامما قۇشلارنى تاماشا قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى