تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قىش كىرگەن بولسىمۇ خوتەن كەچلىك بازىرىدا «ھارارەت» چۈشمىدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دوۋ شىڭجۈن فوتوسى، خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن شەھىرىدە گەرچە تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن كەچ بولغاندا خوتەن كەچلىك بازىرى ساياھەتچىلەرگە لىق تولۇق، بۆلەكچىلا قىزىپ كەتكەنىدى، كۆپچىلىك بۇ جايغا كېلىپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، ئۆزگىچە ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن بەھرە ئالدى.

«سەھنە ئەتراپىدىكى كەچلىك بازار تاماق ئۈستەللىرىنى ئىككى سائەت بۇرۇن زاكاز قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن، بولمىسا ئورۇن قالمايدىكەن» دېدى شەھەر ئاھالىسى رۇقىيە ئىلھام.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ كەچلىك بازاردا شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىدىن سىرت، يەنە چۇڭچىڭنىڭ ئاچچىق-چۈچۈك پىنتوزىسى، تۈرلۈك دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا جايلارنىڭ ئۆزگىچە يېمەكلىكلىرىمۇ بار ئىكەن. ساياھەتچىلەر بۇ جايدا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ، ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ مول، رەڭدار كېچىلىك تۇرمۇشىدىن ھۇزۇر ئالالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى