تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو ئېكىسپورت قىلغان ۋېلىسپىت 1 مىلياردتىن ئاشتى

  جۇڭگو ئېكسپورت قىلغان ۋېلىسىپىت مىقدارى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە %20.15 ئاشتى

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى: 11- ئاينىڭ 22- كۈنى، جۇڭگو ۋېلىسىپىتچىلەر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «2019-يىللىق جۇڭگو ۋېلىسىپىت كەسپى يىغىنى» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، جۇڭگو يېنىك سانائىتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى داۋاملىق ساقلاپ، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسىنى % 9.19 ئاشۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە سانائەتنىڭ 11.28 پىرسەنت پوئىنتىدىن يۇقىرى بولغان. يېنىك سانائەت نەتىجىلىرى ئىچىدە، ۋېلىسىپىت كەسپى، بولۇپمۇ توكلۇق ۋېلىسىپىت كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى %20.15، پايدىسى %16.92 ئاشقان. 

 جۇڭگو يېنىك سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چۇڭخېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ۋېلىسىپىت كەسپى كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

 ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ يىللىق ۋېلىسىپىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان چاغدا 20 مىڭغا يەتمىگەن، ھازىر 80 مىليوندىن ئاشقان؛ توكلۇق ۋېلىسپىت جۇڭگونىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى بولۇپلا قالماي، يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ھازىرقى يىللىق ئوتتۇرىچە مەھسۇلات مىقدارى 30 مىليوندىن ئېشىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، يەنە بىر «دۇنيا بويىچە بىرىنچى» بولغان.

 نۆۋەتتە، جۇڭگو ۋېلىسىپىتچىلەر جەمئىيىتىدە 400 مىليونغا يېقىن ۋېلىسىپىت، 300 مىليونغا يېقىن توكلۇق ۋېلىسىپىت بار بولۇپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

  جۇڭگو ۋېلىسىپىت چوڭ دۆلىتى، ۋېلىسىپىت بىلەن سىرتقا چىققاندا، ھەم ئېنېرگىيە تېجەيدۇ، ھەم بۇلغىنىشنى ئازايتىدۇ، سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇپ، بارغانسېرى جۇڭگولۇقلار ياقتۇرىدىغان سەپەرگە چىقىش ۋاستىسىگە  ئايلانماقتا.

 جۇڭگو ۋېلىسپىتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى ليۇ سۇۋېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى، پۈتكۈل جەمئىيەت ۋېلىسىپىت بىلەن يېشىل سەپەرگە چىقىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، ياخشى كەسىپ تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل سەپەرگە چىقىشقا ئىلھام بېرىپ، كىشىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ۋېلىسىپىت كەسپى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە جايلارنىڭ ئىلمىي پىلانلاش ئاساسىدا، ۋېلىسىپىت مەخسۇس يولى ياساش قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى زور كۈچ بىلەن قوللىنىپ، «يېشىل سەپەرگە چىقىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى