تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جياۋزى تۈگۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، مەززىلىك جياۋزىلار تاماق ئۈستىلىگە تىزىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەندې فوتوسى، خەۋىرى): «مېنىڭ تۈگكىنىم شەندۇڭ جياۋزىسى»، «مېنىڭ تۈگكىنىم دۇڭبېي جياۋزىسى»، «مېنىڭ تۈگكىنىم شىنجاڭ جياۋزىسى»... 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى جەنۇبىي ئازادلىق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بوغدا يولى مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئاشخانىسىدا كۈلكە-چاقچاقلار ئۈزۈلمىدى، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر، پېنىسيەگە چىققان كادىرلار ۋە مەھەللە ئاھالە كومىتېتى خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ 30 نەچچە كىشى بىرلىكتە جياۋزى تۈگۈپ، جياۋزى يەپ، بۇ يەردە بىر مەيدان قىزغىن، جانلىق بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

دەسلەپتە، كۆپچىلىك ئۆزئارا جياۋزى تۈگۈشنى ئۆگەندى، كۆپچىلىكنىڭ «ئۇستىسى» ئوخشاش بولمىغاچقا، «شەندۇڭ جياۋزىسى»، «دۇڭبېي جياۋزىسى» ۋە «شىنجاڭ جياۋزىسى» بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا جياۋزى تۈگۈشكە قاتناشقان شەھەر ئاھالىسى شىڭ ۋېنبىڭ، راھىلەگۈل روزى يەنە ئوخشىمىغان رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە جياۋزىلارنى تۈگدى.

بىر تەرەپتە جياۋزىلار تۈگۈلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتە جياۋزىلار پىشىپ تاماق ئۈستىلىگە قويۇلدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى