12-ئاينىڭ 5-كۈنى، كەنت دۇختۇرى ياڭ پىڭئەن گەنسۇ ئۆلكىسى لۇڭنەن شەھىرى دۇڭچاڭ ناھىيەسى خاداپۇ بازىرى شاڭلو كەنتى شىپاخانىسىدا دورىلارنى تەكشۈرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گەنسۇ ئۆلكىسى لۇڭنەن شەھىرى دۇڭچاڭ ناھىيەسى ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش داۋامىدا، ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا-بازار شىپاخانىسى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ناھىيەدىكى ھەر بىر كەنت شىپاخانىسىغا ئۆلكە دەرىجىلىك يېزا كەنت دوختۇرى ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بىر دوختۇر ۋە 15 خىل ئۆلچەملەشكەن داۋالاش ئۈسكۈنىسى سەپلەپ بېرىپ، ئۆلچەملەشكەن كەنت شىپاخانىسىدىن 55 نى يېڭىدىن قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قولايلىق ياراتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (دۇ جېيۈ فوتوسى)
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى