تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىش رەزىل نىيەتنى يوشۇرالمايدۇ

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئامېرىكا تەرەپ يېقىندا يەنە كونا نەيرىڭىنى ئىشلىتىپ، دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىدا ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلۈۋاتقانلىقىدەك ئوبيېكتىپ پاكىتقا پىسەنت قىلماي، «كىشىلىك ھوقۇق»نى قوغداشنى دەستەك قىلىپ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى بۇرمىلاپ، ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ، بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈرۈلدى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارىتا، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 64 يىلدىن بۇيان، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 80 ھەسسە ئاشتى، 2014 - يىلىدىن بۇيانلا 3 مىليونغا يېقىن نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. 2018 - يىلى شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %6.1 ئاشتى، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى. ساياھەتچىلىكتە شىددەت بىلەن ئېشىش كۆرۈلدى، 2019 - يىلى 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىدىن جەمئىي 200 مىليون ئادەم قېتىم كۈتۈۋېلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42تىن كۆپرەك ئاشتى. شىنجاڭدا نۆۋەتتە 28 مىڭدىن ئارتۇق دىنىي سورۇن بار، بۇ، 24 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 530 مۇسۇلمان ئاممىغا بىر مەسچىت توغرا كېلىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمەتلىرىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

بىر مەزگىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى كۆپ يۈزبېرىپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ھەر مىللەت خەلققە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىگە قارىتا، شىنجاڭ قانۇن بويىچە بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، بۇنىڭدا دەل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى، كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان. بۇ تەدبىرلەر يەرلىكنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ياخشىلىدى، مۇقىملىق پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى. شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل بىر قېتىممۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، گۈللەنگەن، مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت ئىناق بولغان ياخشى ۋەزىيەت كۆرۈلدى. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئاكتىپ باھا بەردى.

شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە قىلچە كۆڭۈل بۆلمىدى، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى جاھىللىق بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ماقۇللىدى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولدى، يەل بەردى، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئەسلا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى، بەلكى يامان غەرىزى بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، بىز شۇنى بايقىيالايمىزكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار باشقىلارنىڭ ياخشى بولۇشىنى كۆرەلمىدى، قايسى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى تېز، سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولسا، ئامېرىكا جان - جەھلى بىلەن چارە - ئامال تېپىپ قىستۇرۇلۇپ، ئۇ يەرنى مالىمان قىلدى، ئەنسىز قىلدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق»نى قوغداشنى دەستەك قىلىپ جۇڭگوغا قول تىقىشتىكى مەقسىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»نى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش»قا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل نىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

ھازىر، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر شىنجاڭنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىماي، ئەنسىزلىككە چۈشۈپ، كەلسە - كەلمەس ئەيىبلەپ، كۈچىنىڭ بارىچە قارا چاپلىدى. ھالبۇكى يالغان سۆز ھامان يالغان سۆز، ئەينەن ئەھۋال ھامان ئەينەن ئەھۋال، ھەرقانداق تۆھمەتمۇ شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغان، ئىلگىرىلىگەنلىكىدەك ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ؛ ھەرقانداق سۇيىقەستمۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش مۇساپىسىگە كاشىلا قىلالمايدۇ؛ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك ھەرقانداق سۇيىقەست چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ، شۇنداقلا ئاخىرقى ھېسابتا تارىخنىڭ كۈلكە دەستىكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. شىنجاڭنىڭ تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، تاشقى كۈچلەرنىڭ يولسىزلىق بىلەن ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، زومىگەرلىك يولىدا ماڭغانسېرى يىراقلاپ كەتمەي، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشتەك قارا قولىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆز - ئۆزىنى ھاقارەتلەيدىغان كۈلكىلىك ئويۇننى توختىتىشىنى نەسىھەت قىلىمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.