تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى يېقىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىدەك ئوبيېكتىپ پاكىتنى نەزەرگە ئالماي، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىنى نەزەرگە ئالماي، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى دەستەك قىلىپ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى بۇرمىلاپ ۋە ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشى ئامېرىكا تەرەپنىڭ قىلچە تۆۋەن چېكى يوق قوش ئۆلچىمى ۋە ساختىپەز، رەزىل زومىگەرلىك لوگىكىسىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

كىشىلىك ھوقۇق ئالدى بىلەن ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىدۇر. شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ ئېنىق بىلىدۇ، شۇنداقلا ئەڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 64 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىدى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 80 ھەسسە ئاشتى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، 2014 - يىلىدىن بۇيانلا 3 مىليونغا يېقىن نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بىر مەزگىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى كۆپ يۈزبېرىپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ھەر مىللەت خەلققە ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىگە قارىتا، شىنجاڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش ۋە يامراش ئاساسى ۋە شارائىتىنى كۈچەپ يوقىتىپ، شۇ جاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. بۇ، كەڭ خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەڭ ياخشى قوغدىغانلىق، شۇنداقلا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مۇھىم، زور تۆھپە قوشقانلىق.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئىقتىسادى سىجىل يۈكسەلدى، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، مەدەنىيەت مىسلىسىز گۈللەندى، دىنلار ئىناق - رايىش بولماقتا، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا. 2018 - يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %6.1 ئاشتى، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %7.6 ئاشتى، ساياھەتچىلىكتە شىددەتلىك ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە جەمئىيىتىدىكى غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.» 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، 70 تۈركۈمدىن ئارتۇق ھەر خىل چەت ئەل ئۆمەك، گۇرۇپپىلىرىدىن جەمئىي 1000دىن ئارتۇق كىشى جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مۇقىم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھ بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئومۇميۈزلۈك ئىجابىي باھا بەردى.

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە. شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن پۇختا مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىلەرگە ئايان. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان نۇرغۇنلىغان بىگۇناھنىڭ تالاپىتىگە قۇلىقىنى يوپۇرۇۋېلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى جاھىللىق بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ماقۇللىدى، بۇ، ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئەسلا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى، بەلكى باشقىچە غەرەزدە ئۆز پىكرىنى يورغىلىتىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئۇلار «كىشىلىك ھوقۇق» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇنى جۇڭگو خەلقى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى.

ھەممىگە ئايانكى، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى رەزىللىككە تولغان، دۆلەت ئىچىدە ئىرقىي، جىنسىي كەمسىتىش، قورال - ياراغ يامراپ كېتىش قاتارلىق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مەۋجۇت، چەت ئەللەردە ئۇرۇش قوزغاپ ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلارغا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى ئېلىپ كەلدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئامېرىكىنىڭ «خۇسۇسىي مۈلكى» ئەمەس، مەيلى ئەخلاق - ھەققانىيەت جەھەتتە بولسۇن ياكى ئەمەلىيەت جەھەتتە بولسۇن، ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارىتا ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلايدىغان، قول تىقىدىغان سالاھىيىتى يوق، ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق مۇھاپىزەتچىسى» خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالدى.

تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش، ھەر مىللەت خەلق قەلبداش. شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنى ھەسسىلەپ ئاسرايدۇ، ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ، «ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت» دېگەن ئورتاق تونۇش كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ھەرقانداق تۆھمەتنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ؛ ھەرقانداق پىتنە - ئىغۋانىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىدەك پاكىتنى يوقىتىۋېتەلمەيدۇ، ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش مۇساپىسىگە كاشىلا قىلالمايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.