تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ ئېلىش ئۈچۈن

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد ۋەزىيىتى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىگە توغرىلىنىپ، مۇھىم نۇقتا، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى كۈچەپ تۇتۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تارماقلار ۋە تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئۇسۇلى ۋە شەكلىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇش، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇپ، بايلىقنى ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى تونۇشتۇردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېي، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى گاۋ خۇڭجۈن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىساد ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى قۇۋۋەتلىدى ھەم ئىقتىساد تۈزۈمى ۋە سىياسەت، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ خەلق تۇرمۇشى تەمىناتىنى ياخشىلاش، دەل جايىدا كۈچەپ بازار سۇبيېكتىغا «مەدەت بېرىپ يۈكىنى يېنىكلىتىش»، پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ساغلاملىق مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، ئىككى قىرغاقنىڭ ئەلئارا ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن، بىزنىڭ بۇ سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشىمىزدىكى ئاساسىي مەقسىتىمىز كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلاش. ئىككى كۈندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىمۇ بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىلگىرى كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ باقماقچىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە قارىتا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام راۋاجلىنىشىنى ساقلىدى، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئاساسىي كۆرسەتكۈچ سۈرئىتى مۆلچەردىكىگە ئۇيغۇن بولدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ بىز يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقى ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش قاتارلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوندىن ئارتۇق ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)نىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىريۈرۈش يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى، تەدبىرلەرنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. يولداشلار كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى ئەترەت باشلاپ ئېغىر نامرات رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەبلەغنى ئىشلىتىش، نامراتلارنى يۆلەش نەتىجە - ئۈنۈمى، ئامما ئېتىراپ قىلىش، خىزمەت ئىستىلى قاتارلىق جەھەتلەردە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇردى. مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنى جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق، خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە قوللىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، بىرلىك سەپنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەلرايىنى مۇجەسسەملىشى، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملىشى، كۈچنى مۇجەسسەملىشىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش غەيرىتى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھاتقا پائال ئاتلىنىپ، ئىسلاھاتنى قوللاپ، ئىسلاھاتقا قاتنىشىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىكنىڭ ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ئەمەلىي ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشىنى، ئوبدان مەسلىھەت بېرىشىنى، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىكنىڭ يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، جەمئىيەت ئورتاق تونۇشىنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن توسقۇنلۇقنى ئازايتىشىنى، ياردەم كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خۇ چۇنخۇا، يوۋ چۈەن، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، خې لىفېڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە چېن شياۋگۇاڭ، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، شاۋ خۇڭ ۋە جياڭ زوجۈن، لى يۆفېڭ، جاڭ بوجۈن، جاڭ داۋخۇڭ، لى شىجيې، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن، ساۋ خۇڭمىڭ، لەي مىڭ، خۇاڭ رۇڭ، شۇ خۇڭبىڭ قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.