تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلارنىڭ شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قارا چاپلاش قىلمىشى ساختىلىق، رەزىللىك

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن

يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئويدۇرۇپ چىقىپ، كۈچىنىڭ بارىچە بوھتان چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا بارلىق ئاماللار بىلەن قارا چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرىگە تۆھمەت قىلدى. بۇ تۇپراقتا ئۇزاق مۇددەت خىزمەت قىلغان، ياشىغان جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇ ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلارنىڭ پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىشتەك رەزىل قىلمىشىدىن چۆچۈپ كەتتىم، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش قىلمىشىدىن غەزەپلەندىم.

− قانۇن بويىچە تېررورىزمغا زەربە بېرىش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى توسۇش كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشمۇ ياكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشمۇ؟

ھەممىگە مەلۇمكى، تېررورىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى زەھەرلىك ئۆسمە. تېررورچى ئۇنسۇرلار قاتىللىق قىلىشتا مىللەت ئايرىمىدى، قېرى - ياش دېمىدى، بىگۇناھلارنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈپ، غالجىرلاشتى، تەلۋىلەشتى. تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى ماھىيەتكە ئىگە بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. زوراۋان تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ئۇزاقتىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى تۇغدۇرۇپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مال - مۈلۈك زىيىنى مۆلچەرلىگۈسىز بولدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە غايەت زور زىيان يەتكۈزدى. بىگۇناھ ئامما زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، مەن ئامېرىكىدىكى بۇ سىياسەتۋازلارنىڭ شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ئەسلا كۆرۈپ باقمىدىم؛ ھازىر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل ئېشىۋاتقاندا، بۇ كىشىلەر ئەكسىچە شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى، غەرىزى زادى نېمە؟

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، مەسىلىلەرنى قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىل ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇردى. بىز «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» (288/60) «زوراۋان ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى» (674/70) قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ روھى ۋە خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلدۇق؛ دۆلەت قاتلىمىدا، بىز بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن سىستېمىسى بەرپا قىلدۇق؛ ئاپتونوم رايون مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ بىر قاتار ئالاقىدار يەرلىك نىزاملارنى چىقىرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا ئېلىپ باردى. ئۈنۈملۈك تۈزەش نەتىجىسىدە، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.62 كۆپەيدى. جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر پۇتى بىلەن بېلەت تاشلاپ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ يۈزىگە كاچاتلاپ، شىنجاڭنىڭ تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمگە زەربە بېرىشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە - ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى.

− تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە قارا چاپلاش ئادالەتنى ياقلاشمۇ ياكى ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىشمۇ؟

شىنجاڭدا قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ خەۋپى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى ئەڭ زور چەكتە قۇتقۇزۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى ئەڭ زور چەكتە يوقىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىش. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دىنىي ئەسەبىزم بىلەن يۇقۇملانغان ھەم قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنى تاشلىۋەتمىدى، بەلكى ئۇلارنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان سىستېمىلىق، ھەقسىز كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى، ئۆرپ - ئادىتى، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئەتلىرى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يەنە ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، داۋالاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئائىلىسىگە، ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېتىبار سىياسەتلەردىن ئوخشاش بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بېرىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئۆگىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇردى. ھازىر تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلاشتى ياكى ئۆزى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن تېخنىكىسىغا تايىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى ھەم تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، مەن تەربىيەنى تاماملىغان بىر قىسىم تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۇلار بەس - بەستە ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىش ماھارىتىنى ئىگىلەپ، قايتىدىن جەمئىيەتكە قايتىپ، نورمال كىشىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

شىنجاڭ قوللانغان ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرى مەنبەدىن تۈزەش تەدبىرى بولۇپ، باشقا دۆلەت ۋە رايونلار قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن ماھىيەتلىك پەرقى يوق، مىللەت، دىن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئۇنىڭ نېگىزى كىشىلىك ھوقۇققا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش. جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىزچىل ئوچۇق - ئاشكارا پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. 2019 - يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دىپلوماتىيە ئەمەلدارى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، ئالىم، دىنىي تەشكىلات ۋەكىلى قاتارلىق 1000دىن ئارتۇق كىشى شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خاس خادىمىغا بىرلەشمە ئىمزالىق خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، ئۇلار شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغانلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، ھېس قىلدى. ھالبۇكى، بىر قىسىم دۆلەتلەر بىر تەرەپتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەمەلدارلىرىنىڭ شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىشىگە رۇخسەت قىلىش توغرىسىدا جار سالسا، بىر تەرەپتىن شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەمەلدارلىرىغا كۈچىنىڭ بارىچە بېسىم ئىشلەتتى ۋە كاشىلا قىلدى، بۇنداق ئۆز - ئۆزىگە زىت قىلمىش ئۇلارنىڭ باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان سىياسىي غەرىزىنى ئاشكارىلىدى. ئايرىم دۆلەتلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا پىسەنت قىلماي، ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئاشكارا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇپ، خەلقئارا قانۇن، مىزانغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. ئۇلار كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداۋاتقاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئاشۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ قانۇن، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە تېخنىكا ماھارىتى ئۆگىنىشىنى خالىماي، بۇ كىشىلەرنى ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلماقچى بولدى، ھەتتا ئۇيغۇر مىللىتىنى تېررورىزم بىلەن باغلاپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ سىرتىغا قويماقچى بولدى، غەرىزى ئىنتايىن زەھەرخەندە ۋە رەزىل. شىنجاڭ ياخشىمۇ - ياخشى ئەمەسمۇ، بۇ ھەقتە شىنجاڭ خەلقى سۆزلەشكە ئەڭ ھوقۇقلۇق، بۇ يامان غەرەزلىك دۆلەتلەرنىڭ قالايمىقان بىلجىرلاشقا ھوقۇقى يوق، ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغان ھەرقانداق سۇيىقەست ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق، خالاس.

− ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بىلەن دىنىي ئەسەبىزمنى باغلىۋېلىشتىكى غەرەز نېمە؟

شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون. پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىغا ئاساسەن خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقى، پۇقرالارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغانلىقىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى. گوۋۇيۈەننىڭ «دىن ئىشلىرى نىزامى»غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئېلان قىلدى، پۇقرالار تولۇق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشنى تامامەن پۇقرالار ئۆز ئالدىغا تاللايدۇ؛ شىنجاڭدا پۇقرالار ئەزەلدىن دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقى سەۋەبلىك كەمسىتىلىشكە ياكى ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئەمەس، نورمال دىنىي پائالىيەتلەر قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەسچىتكە «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش»، «توققۇزنى سەپلەش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلارغا قارىتا، غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ ئىزچىل كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىشنى تاللىشىدا نېمە غەرىزى بار؟ مەن ئىلگىرى مىللەت ۋە دىن خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان، دىن خىزمىتىدە ئىزچىل «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەزەلدىن ئاددىي ھالدا ئاز ساندىكى جىنايەتچىلەر بىلەن ھەرقانداق دىن، ھەرقانداق مىللەتكە تەڭلىك بەلگىسى قويغان ئەمەس. دىنىي ئەسەبىزم ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بولسىمۇ، بىراق دىنىي ئەقىدىلەرگە تامامەن خىلاپلىق قىلدى، ئۇ، ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنى ئەمەس. ئۇزاقتىن بۇيان، ئۇلار ئەسەبىي ئىدىيەنى دىن بىلەن باغلىۋېلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئامما بىلەن باغلىۋېلىپ، «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» قاتارلىق سەپسەتىلەرنى ھە دەپ تەرغىب قىلىپ، بىرقىسىم كىشىلەرنى پۈتۈنلەي روھىي جەھەتتىن كونترول قىلىنغان ئەسەبىي ئۇنسۇرلارغا ۋە تېررورچى ئۇنسۇرلارغا، ھەتتا قانخور ئالۋاستىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھازىر ئامېرىكىدىكى بىرقىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سىياسەتۋازلارنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق» ۋە «دىن»نى دەستەك قىلىپ كەلسە - كەلمەس قول تىقىشى ماھىيەتتە «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇپ، يەل بەرگەنلىك، شىنجاڭنىڭ قالايمىقان بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ شەرمەندە، شەخسىيەتچى قوش ئۆلچىمى ۋە ساختىپەز، رەزىل زومىگەرلىك لوگىكىسىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

− خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولۇشى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشمۇ ياكى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشمۇ؟

كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، شىنجاڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىرىنسىپى، ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. مانا بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلغانلىق. شىنجاڭ مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىش پۇرسىتىنى تۇتۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كاپالەتلەندۈردى ۋە ياخشىلىدى. شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۈچ يىلدا 100 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئېغىر نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 75 مىڭ ئادەمنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ 2016 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 1 مىليون 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق بولدى. يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 8 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى؛ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شەھەر - يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى سىجىل ئۆستۈرۈلدى. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. شىنجاڭدا خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، تەرەققىيات نەتىجىسى، مەدەنىيلىكنىڭ ئالغا بېسىشى، ئىدارە قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمى ھەممىگە ئايان، پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدۇ. «رەڭلىك كۆزەينەك» «قوش ئۆلچەم» تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئوبيېكتىپ پاكىتنى يوشۇرۇپ، باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان مەقسىتىگە يېتىشتۇر. يوشۇرۇشنىڭ ئۆزى قانات ئاستىغا ئالغانلىق ۋە يول قويغانلىق، تېررورىزمنىڭ دۇمبىقىنى چالغانلىق، ئەسەبىزمنى قوللىغانلىق بولۇپ، بۇ خەلقئارا ئەخلاق ۋە ھەققانىيلىق ھەم ئىنسانىي ۋىجدانغا ئېغىر خىلاپ، جەزمەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، يولسىزلارغا ھېچكىم يار - يۆلەك بولمايدۇ، ھامان مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيادا، رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇش، توقۇنۇش ۋە تۈرلۈك زوراۋانلىق پائالىيەتلىرى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى - تىنچلىقى تەستە قولغا كەلگەن. خەلقنىڭ بەختى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. ئايرىم دۆلەتلەر ئىچى قارىلىق قىلمىسىمۇ، بىھۇدە ئاۋارە بولمىسىمۇ بولىدۇ، جۇڭگولۇقلار ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى ياخشى باشقۇرالايدۇ، بىز ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەيمىز، دۇنيا خەلقىنىڭ مۇقىم، تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭدا بارلىققا كېلىۋاتقان خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلالىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىمىز. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى دۇنيا خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، بەختلىك گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.