تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئەڭ زور كاپالىتى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى:

ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئەڭ زور كاپالىتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن داغ تەگكۈزۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلىدى، شىنجاڭدىكى كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ھەر مىللەت ياشلار قاتتىق غەزەپلەندى، قەتئىي قارشى تۇردى!

شىنجاڭنىڭ ئىشىنىڭ ياخشى قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىدا ئامېرىكىنىڭ كەلسە - كەلمەس قول تىقىشىنىڭ ھاجىتى يوق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ دېگىنى ھېساب؛ شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە - ئىگە ئەمەسلىكىدە ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ قالايمىقان سۆزلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. 2014 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي 2 مىليون 314 مىڭ 700 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %19.496تىن %6.1كە تۆۋەنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 1 مىليون 889 مىڭ 500 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %29.1تىن %10.9كە تۆۋەنلىدى، بۇ تارىختا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان غايەت زور ئۆزگىرىش؛ شىنجاڭنىڭ ساياھەتتە كۈتۈۋېلىنغان ئادەم سانى ۋە ئىستېمالىدا ئۇدا ئۈچ يىل %40 - %30لىك ئېشىش سۈرئىتى ساقلاندى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا چېگرا ئىچى - سىرتىدىن شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەنلەر 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، نەچچە مىليون ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا چۆمۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى ئېلىپ كەلگەن ئىللىقلىقنى ھېس قىلماقتا، ھەممە كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇلغان ئاسفالت يول، تۇرۇبا سۈيى، شەھەر - يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك قاپلانغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى، 12 يىللىق ئۇل مائارىپ تولۇق قاپلاش قاتارلىقلار، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە جانلىنىپ، ياشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئەقىل - پاراسىتى بىلەن تۆھپە قوشۇپ نەتىجە ياراتماقتا.

تەلىم - تەربىيە خىزمىتى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان بىر تۈركۈم ياشلارنى قۇتقۇزۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇشقا قايتىشىغا ياردەم بەردى. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا يامرىشىنىڭ تەسىرىدە، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، ئاممىنىڭ ساددا مىللىي، دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ھە دەپ تارقىتىپ، ئاممىنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشكە قارشى تۇرۇشقا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆگىنىش، ئىگىلەشنى رەت قىلىشقا، زامانىۋى ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى چەتكە قېقىشقا، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرى بىلەن قارشىلىشىشقا سىجىل قۇتراتتى. دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە كونتروللۇقىدا، بەزى ياشلار نورمال تۇرمۇش ۋە قانۇننىڭ چەك - چېگراسىنى ئەقلىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولۇپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى، ئەسەبىزم پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى ياكى كۈشكۈرتۈلدى، مەجبۇرلاندى، قايمۇقتۇرۇلدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، شىنجاڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق قانۇن، قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، ياردەم بېرىش - تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرى ۋە كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇپ، نورمال تۇرمۇشقا قايتىشىغا ياردەم بەردى. قېنى ئېيتىڭە، جۇڭگو پۇقرالىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگەنسە، ئىشلەتسە، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق ۋە زۇلۇم قىلغانلىق بولامدۇ؟ جۇڭگو پۇقرالىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق - مەنپەئىتىنى يۈرگۈزۈپ دىنغا ئېتىقاد قىلىش - قىلماسلىقنى ئەركىن تاللىسا، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق ۋە زۇلۇم قىلغانلىق بولامدۇ؟ ئەجەبا، بەزى كىشىلەرنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى يولىغا مېڭىشقا قويۇپ بەرسە، ھەتتا ھاياتى بەدەل تۆلەنسە، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرگەنلىك بولامدۇ؟

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار مەڭگۈ ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشىدىكى سىياسىي قورالىغا ئايلىنىپ قالمايدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» 2003 - يىلى پوۋېل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىراقنىڭ بىيوخىمىيەلىك قورالىغا ئائىت ئىسپاتنى كۆرسەتكەندە سوپۇن پاراشوكىنى كۆتۈرۈۋالغىنىغا ئوخشاش ئۇسۇل بولۇپ، ھەممىسى ئوخشاشلا شەرمەندىچىلىك، تۇترۇقسىزلىق، ھەممىسى ئوخشاشلا ئامېرىكا زومىگەرلىكىنىڭ يولسىز رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى ئاشكارىلىدى. بىز شۇنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتۇقكى، ئىراق، ئافغانىستان، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكا تەرىپىدىن «دېموكراتىيە» «كىشىلىك ھوقۇق»لاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تاغ - دەريالىرى پارچىلىنىپ، خەۋپلىك ئەھۋالدا قالدى، نەچچە مىليونلىغان ئادەم مۇساپىرغا ئايلاندى، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلدى؛ بىز يەنە شۇنى كۆردۇقكى، قىسمەن شياڭگاڭ ياشلىرى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇچراپ پايدىلىنىلىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان «شەرقتىكى نۇرلۇق مەرۋايىت»نى خۇنۈكلەشتۈردى. بۇ بىر قاتار ئىشلاردا ئامېرىكىنىڭ ئالغان رولى تارىخنىڭ شەرمەندىچىلىك تۈۋرۈكىگە ئويۇلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ياشلارنى سىياسىي قورال قىلىش، ياشلارنى قولچوماقچى قىلىش، زەمبىرەك يېمى قىلىش قىلمىشى كىشىگە خورلۇق ھېس قىلدۇرىدۇ. ھازىر ئامېرىكا ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش»نى باھانە قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتەك رەزىل مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ رەزىل غەرىزىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى، بىز تەستە كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلىسەك، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار مەڭگۈ ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتىكى سىياسىي قورالىغا ئايلىنىپ قالمايمىز!

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن ۋە زەربىدار ئەترەت، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ گۇۋاھچىلىرى، قاتناشقۇچىلىرى، نەپكە ئېرىشكۈچىلىرى، بىزنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىمىز قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، بىز ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن يۈكسەك ئېتىراپ قىلىمىز! بىز ئىپتىخارلانغان ھالدا دۇنياغا شۇنداق جاكارلايمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىدۇ، قەلبى پەخىرلىنىشكە تولدى! شىنجاڭدىكى كەڭ ياش ئىتتىپاق ئەزالىرى، ھەر مىللەت ياشلار مەڭگۈ پارتىيەنىڭ سادىق ياردەمچىسى ۋە سادىق زاپاس قوشۇنى بولىدۇ، مەڭگۈ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ، ئامېرىكىنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.