تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىش مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كۈچلۈك ئەيىبلەپ، بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىش مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ

شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق قىلمىش مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ! ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىنتايىن غەزەپلەندى، كۈچلۈك ئەيىبلىدى، قەتئىي قارشى تۇردى! مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلدى، نامدا «كىشىلىك ھوقۇق»، ئەمەلىيەتتە «زوراۋانلىق». كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم؛ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشىگە، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسىدىغان سۇيىقەست مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ!

 پاكىتقا كۆز يۇمۇپ ئاق - قارا ئاستىن - ئۈستۈن قىلىندى، بىز كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز، قەتئىي قارشى تۇرىمىز

«شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى> شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلاپ، ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، بۇ، تېررورىزمنى قوللىغانلىق، يامانغا يانتاياق بولغانلىق، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نەتىجىسىنى ئىنكار قىلغانلىق ۋە يوققا چىقارغانلىق! بىز كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز، قەتئىي قارشى تۇرىمىز!» دېدى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مەمەتئېلى تۇرغۇن غەزەپلەنگەن ھالدا.

مەمەتئېلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئىشىنىڭ ياخشى قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىدا باشقىلارنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، بەلكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ دېگىنى ھېساب. شىنجاڭنى مالىمان قىلىش خام خىيالىدا بولغان ھەرقانداق سۇيىقەست ئەمەلگە ئاشمايدۇ!

«شىنجاڭغا ئالاقىدار<قانۇن لايىھەسى> پۈتۈنلەي قالايمىقان جۆيلۈگەنلىك، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىغا پىسەنت قىلمىغانلىق، كىمكى ئىتتىپاق، ئىناق بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدىكەن، ھەر مىللەت ئامما بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ!» دېدى «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارغان» قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ يۇرتى كېرىيە ناھىيەسىدىكى قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ نەۋرىسى مەتسەيدى ئەيسا قەتئىيلىك بىلەن.

«بۇ يىللاردا، شىنجاڭدا ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ بولدى، ئىلگىرى ئائىلىسىدە بىكار ئولتۇرغان يېزا ياشلىرى تېخنىكا ئۆگىنىپ، خىزمەت تېپىپ، خېلى ياخشى كىرىم قىلىدىغان بولدى، ناھايىتى كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىدە ئامانەت پۇلى بار بولدى، بەزى ياش ئەر - خوتۇنلار پىكاپ سېتىۋالدى، يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى. مۇقىم بولغان، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت، ئۈمىدكە تولغان گۈزەل تۇرمۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىلىق قولغا كەلگەن. بىز ئاسان قولغا كەلمىگەن بەختلىك تۇرمۇشنى چوقۇم ھەسسىلەپ ئاسرايمىز، ھەسسىلەپ قەدىرلەيمىز» دېدى مەتسەيدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى دىلشات مۇھەممەت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق»نى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشى، شىنجاڭغا بوھتان چاپلىشى، قارا چاپلىشى خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئاساسىي ئېقىم ئەلرايىغا پۈتۈنلەي زىت بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئاشكارىلىدى. ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» يامانغا يانتاياق بولغانلىق، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش ھامان باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ خەۋپ يەتكۈزىدۇ. «بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش مۇساپىسىگە كاشىلا قىلالمايدۇ» دېدى دىلشات قەتئىي ھالدا.

 تېررورىزم، ئەسەبىزمنى يوقىتىش شىنجاڭدىكى ئەڭ ياخشى كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى

«ئۆتكەنكى بىر مەزگىلدە، <ئۈچ خىل كۈچ> ئىنتايىن غالجىرلىشىپ، شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزدى، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ھە دەپ قوش ئۆلچەم قوللىنىشى تېررورلۇق قىلمىشىغا يول قويغانلىق، كۈشكۈرتكەنلىك.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»دىن ئىبارەت ئىككى يەرلىك قائىدە - نىزامنى تۈزۈپ ھەم تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈردى. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن بويىچە بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىپ، مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىلغىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلەندۈردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

مەمەت ئېلى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدىكى سودىگەر، ئۇنىڭ بۇ يەردە دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا 17 يىل بولغان بولۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى»دىن ھازىرقى «سودا ساراي»غىچە بولغان ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولغان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن.

«ئىناق، مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالدى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئارقا - ئارقىدىن جەلپ قىلدى، بىزنىڭ تىجارىتىمىز كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئىناق، گۈزەل تۇرمۇشىمىز دەل ئامېرىكىدىكى ئاشۇ يامان غەرەزلىك كىشىلەرگە بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە» دېدى مەمەت.

«شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قارىتا، پەقەت بۇ يەردە ياشاۋاتقان شىنجاڭ خەلقىلا ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. كىچىكىمدىن ھازىرغىچە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولۇمدا يول بويى مېنى قوغداپ كەلدى، مۇشۇنداق چوڭ ئائىلىدە ياشاۋاتقانلىقىمدىن ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلىمەن.» شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ يېزا رايون تەرەققىياتى 2017 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەدەت مەربېك ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»دىن كۈچلۈك غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

 شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن

قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر مۇختەر ياسىن ئىلگىرى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى كۆپ قېتىم نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەسىراتى تولىمۇ چوڭقۇر.

«مەن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئازادە، يورۇق ئوقۇتۇش بىناسىدا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، كىيىم - كېچەك پىششىقلاش قاتارلىق كەسپىي ماھارەتلەرنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بىر قىسىم تەربىيەلەنگۈچىلەر بىرەر ماھارەتنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئائىلىسىنىڭ نامرات قىياپىتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى> پاكىتنى بۇرمىلاپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلدى، بۇ پۈتۈنلەي يالغان - ياۋىداق سۆز!» دېدى مۇختەر ياسىن.

«دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى، قانۇن، قانۇن - نىزاملارنى ئۆگەنگىلى، يەنە بىر تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ. كۆپچىلىك مەكتەپتە ھەر كۈنى ناھايىتى خۇشال ئۆتىدۇ، كۆڭۈللۈك ھالدا ئۆگىنىش ۋە مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.» بۇلتۇر 4 - ئايدا، خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە قاتناشقان تۇنىسا مەتروزى مۇنداق دېدى: «مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈشنى ئۆگەندىم، بۇ يىل 2 - ئايدا تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇل مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئاچتىم. مېنىڭ چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىمنىڭ ئىسمى <مېيلىئېر>، قەدەم تەشرىپ قىلغانلىكى خېرىدار گۈزەللىشىدۇ، يەنە خۇشال بولىدۇ، دېگەن مەنىدە. مەن ھازىر بىر ئايدا 6000 يۈەن كىرىم قىلىمەن. مېنىڭ دەيدىغىنىم، ئايال قېرىنداشلار كۈنلىرىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىمىز، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىماسلىقىمىز كېرەك. بەختلىك تۇرمۇشنى ئىككى قولىمىز ۋە تىرىشچانلىقىمىزغا تايىنىپ يارىتىشىمىز كېرەك!»

«شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، تامامەن توغرا.» قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى قەشقەر شۆبە شۆيۈەنى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گو ۋېيئەن مۇنداق دېدى: بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پەقەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرغاندىلا، ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، پەرىزات ئابدۇل، شى شىن، جاۋ شىيا، خەن چىنيەن، خېي خۇڭۋېي، جېڭ جو، جاۋ جىيۈن، گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ئەن تاۋ، لى يۈجۇڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.