تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرى ھەققانىي تەدبىر

شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرى ھەققانىي تەدبىر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى جۇڭگو تەرەپنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي، جاھىللىق بىلەن «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلاپ، ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلىدى، بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزدى ھەم زوراۋان - تېررورچى كۈچلەرگە ئېغىر خاتا سىگنال بەردى، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ، غەرىزى ئىنتايىن رەزىل.

تېررورىزم، ئەسەبىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق زەربە بېرىدىغان ئوبيېكت. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن 2016 - يىلىغىچە، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى پەيدا قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇردى، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاش، قانۇنچىللىق تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، تېررورىزم، ئەسەبىزم جەھەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ياكى جىنايى قىلمىشى بار كىشىلەرنى ئەڭ زور چەكتە قۇتقۇزۇۋېلىپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئەڭ زور چەكتە يوقىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىشىنى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالدى.

ئەمىنلىكتىنمۇ ئارتۇق پايدا بولماس، مالىمانچىلىقتىنمۇ ئارتۇق زىيان بولماس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، مۇقىملىقنىڭ پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى. شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، مەدەنىيەت مىسلىسىز گۈللەندى، دىنلار ئىناق - رايىش بولدى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردى، بۇ، ئەلرايىغا ئۇيغۇن، كىشىلەر كۆڭلىگە ياقىدۇ، نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك.

جۇڭگو قانۇنچىل دۆلەت. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدا، قانۇنچىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تېررورىزمغا زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇشى، شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق روھى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن. ھەققانىيەت كىشىلەر قەلبىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار، دىنىي تەشكىلاتلار قاتارلىق 91 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 70 نەچچە تۈركۈم ئۆمەك - گۇرۇپپا، 1000دىن ئارتۇق ئادەم شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىكەن، دەپ بەس - بەستە تەرىپلىدى. يېقىندا، 60 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى 74 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 3 - كومىتېتىنىڭ يىغىن مەزگىلىدە بەس - بەستە سۆز قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرىگە ئاكتىپ باھا بەردى.

ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرىدە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمىگە پىسەنت قىلماي، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىدەك ئوبيېكتىپ پاكىتقا پىسەنت قىلماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورىزم، ئەسەبىزمگە زەربە بېرىشتىكى ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا پىسەنت قىلماي، خەلقئارا ئەخلاق ۋە ھەققانىيلىققا، ئىنسانىي ۋىجدانغا، ئەخلاققا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىشى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، تېررورىزم، ئەسەبىزمنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا يول قويۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇپ مەدەت بېرىش بولۇپ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ۋە جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»نى باھانە قىلىپ دۆلىتىمىزنى توسۇش، پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل نىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

قارا بۇلۇت قۇياشنى توسۇيالمايدۇ، ھەققانىيەت ھامان رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرى ھەققانىيلىق ئارقىلىق رەزىللىككە، مەدەنىيلىك ئارقىلىق ياۋۇزلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشى ۋە ئاكتىپ باھاسىغا ئېرىشتى. «11 - سېنتەبىر» ۋەقەسىنىڭ تەجرىبە - ساۋىقىغا ئۇزاق بولمىدى، ئامېرىكا تەرەپ يارا ساقايغاندىن كېيىن ئاغرىقنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا تەرەپ ئەگەر ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، تېررورىزمنى قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق يولۋاسقا يانتاياق بولسا، يامانغا يانتاياق بولسا، ئۆزى قىلغان ئەسكىلىكنىڭ ئاقىۋىتىنى چوقۇم ئۆزى تارتىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.