تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقان «قانۇن لايىھەسى»دە يامان غەرەز يوشۇرۇنغان، ئاق - قارا ئاستىن - ئۈستۈن قىلىنغان

جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقان «قانۇن لايىھەسى»دە يامان غەرەز يوشۇرۇنغان، ئاق - قارا ئاستىن - ئۈستۈن قىلىنغان

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەڭلىك سېيىت

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى جۇڭگو تەرەپنىڭ كۆپ قېتىم كەسكىن سۆزلىشىشى ۋە قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ھەق - ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، ئومۇمىي قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلىدى. شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا قاتناشقۇچى، باشتىن كەچۈرگۈچى، گۇۋاھچى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك بۇنداق رەزىل قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن.

شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، بۈيۈك يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا ئۇيغۇر كادىرلار، ئاممىنىڭ مەنپەئىتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۈرەش قىلىپ ئىلگىرىلەپ، كونا قىياپەتنى يېڭىلاشنىڭ ئۇلۇغ سەھىپىسىنى پۈتتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭ ئىقتىسادى تېز يۈكسەلدى، جەمئىيەت تېخىمۇ چوڭ قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلىدى، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، بۇ بىر پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە رەددىيە بەرگىلى بولمايدىغان پاكىت. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلىپ ۋە ئالاھىدە سىياسەتلەر ئارقىلىق قوللاپ، بىزگە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى، چىن دوستلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قۇترىتىشى، قوللىشى، قوماندانلىق قىلىشى بىلەن، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» داۋاملىق شىنجاڭدا مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، ئەسەبىي ئىدىيە تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈپ، بىزنىڭ تەستە قولغا كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۇلۇغ ئىشلىرى مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى.

مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» كەسكىن ۋەزىيەتكە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يۇقىرى - تۆۋەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىش قاتارلىق تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىدىغان بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى) يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، پۇقرالار خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى، خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى زور دەرىجىدە ئۆستى.

شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان، ئىقتىساد يۈكسەلگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولۇۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىدى، ئۇنىڭ مەقسىتى جۇڭگونىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش، غەرىزى ناھايىتى رەزىل، ئۇنىڭغا باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان سىياسىي مۇددىئا يوشۇرۇنغان. شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى) يۈزبەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولدى، بۇ دەل ھەقىقىي مەنىدىكى كىشىلىك ھوقۇق. تېررورىزم ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق زەربە بېرىش ئوبيېكتى. ئەسەبىزم ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشى زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشىنى ئاسانلا بارلىققا كەلتۈرىدۇ، كىشىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇققا بىۋاسىتە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. ھەرقانداق دۆلەت بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزم، ئەسەبىزمگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنى تەرغىب قىلىدىغان، تېررورلۇق پائالىيىتىنى تەشكىللەپ پىلانلاپ يولغا قويىدىغان، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەزەلدىنلا ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك، زوراۋانلىق سىياسىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى قورالى بولۇپ كەلگەن، ئامېرىكا ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغىمۇ كاپالەتلىك قىلالماي تۇرۇپ، يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قارىتا قالايمىقان بىلجىرلاۋاتىدۇ. ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈش ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ساختىپەزلەرچە باھانىسى، خالاس. ئامېرىكا قايتا - قايتا شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىنى باھانە قىلىپ، جۇڭگوغا كەلسە - كەلمەس قول تىقىپ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، تۆھمەت چاپلاپ، ئۆزىنىڭ قاراقچىلىق ئەپت - بەشىرىسى ۋە زومىگەرلىك ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

بۇ يىل 3 - ئايدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى دوكلات ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ مۇسۇلمان ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى مەدھىيەلىدى. بۇ يىل 7 - ئايدا، 50 نەچچە دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خاس خادىمىغا بىرلەشمە ئىمزالىق خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى مەدھىيەلىدى. بۇلار ئامېرىكىنىڭ پاكىتنى بۇرمىلاش، جۇڭگونى ئاساسسىز ئەيىبلەش قىلمىشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، خەلق رايىنى مايىل قىلىش - قىلالماسلىقنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئامېرىكا جەزمەن «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» ساختا نىقابىنى تېزدىن يىغىشتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەم قوللىنىشنى توختىتىشى، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك.

شىنجاڭنىڭ ئىشى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ھەرقانداق دۆلەت ۋە تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە قارىتا، شىنجاڭ مەۋقەنى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچەپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قانۇن - تۈزۈم تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى، بۇ، ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش، قانۇن ئۆگىنىش، كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ھوقۇقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلغانلىق، ئۇلارنى قۇتقۇزغانلىق، ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلىك. چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» بىزنىڭ ئاممىمىزغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، بىز كوممۇنىستلار مەركەزلىك تەربىيەلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيەلىدۇق، ئەجەبا خاتا قىلدۇقمۇ؟

قىسمەن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىش سەۋىيەسى ناچار بولۇش، زامانىۋى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىش، ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئاساسىي قانۇندا پۇقرالارغا بېرىلگەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆگىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىتىشنى تەربىيەلەنگۈچىلەرنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا قىلدى؛ قىسمەن تەربىيەلەنگۈچىلەردىكى كەسپىي ماھارىتى كەمچىل بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىشنى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم يول قىلدى، شۇ جاينىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شارائىتىغا ئاساسەن، كۆپ خىل ئەمەلىي قوللىنىشچان تەربىيەلەش دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلدى، بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئارزۇسى، شارائىتى بار تەربىيەلەنگۈچىلەرنى كۆپ خىل ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن بىردىن ئىككىگىچە كەسپىي ماھارەتنى پىششىق ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۇچراش مەسىلىسىگە قارىتا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى تەلىم - تەربىيەنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈپ، قانۇن، قانۇن - نىزام، مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە دىن بىلىملىرىنى باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئۆگىتىپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ خەۋپىنى ئاشكارىلىدى. تەلىم - تەربىيە ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەر دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى؛ دۆلەت پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەزمەن دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بېرىلگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بويىچە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇپ يەتتى؛ دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلىدى؛ تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە خەۋپىنى ئېنىق تونۇدى، تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرى ۋە كونتروللۇقىدىن قۇتۇلدى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەر ئۈنۈملۈك قوللىنىلغانلىقتىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇھىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالدى، ناچار كەيپىيات ئازايدى، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلىملىرى ۋە مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوغلىشىش جەمئىيەت كەيپىياتىغا ئايلاندى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشى ئاڭلىق چەكلەندى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىقىنى سىجىل ساقلاش شىنجاڭدا ئەڭ كەڭ خەلق رايى ۋە ئەڭ زور كىشىلىك ھوقۇقتۇر. شىنجاڭ قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بويىچە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەر قانۇنىي ئاساسقا ئىگە، خەلق رايىغا ئۇيغۇن. ئامېرىكا ماقۇللىغان ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتتى، پاكىتقا تامامەن ئۇيغۇن ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭنى مالىمان قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشتىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇشىنىڭ ھەممىسى ئەخمىقانە خام خىيال، مەيلى نېمىنى دەستەك قىلسۇن، قانچىكى كۆپ قانۇن لايىھەسى ماقۇللىسۇن ھەممىسى بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىق، بۇلار، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئىنكار قىلىۋېتەلمەيدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقنى قوغداش قەتئىي ئىرادىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تاشقى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدە خالىغىنىنى قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي ھەرقانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ.

بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قەتئىي تەۋرەنمەي ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرساق، ئەمەلىيلەشتۈرسەك، پارتىيەگە تەلپۈنۈپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، سەگەك تونۇشىمىز بولسىلا، قەتئىي ئىرادىمىز بولسىلا، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بولسىلا، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭ ئىشلىرىغا قول تىقىش، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، بارلىق جۇڭگو خەلقىگە ئىغۋاگەرچىلىك سېلىش سۇيىقەستى جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ؛ خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا خىلاپ بولغان، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق «قانۇن لايىھەسى»نىڭ ھەممىسى بىر ۋاراق كېرەكسىز قەغەز، جەزمەن بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىق بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.