تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇردى ۋە كۈچلۈك ئەيىبلىدى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتى، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى سۆھبەت ئۆتكۈزدى، بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇردى ۋە كۈچلۈك ئەيىبلىدى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتى ئەزالار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. مىللەت ۋە دىن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئەزالار ۋە بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنى، ئىسلام دىنى، كاتولىك دىنى، خىرىستىيان دىنى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن 15 كىشى سۆز قىلىپ، يالغان سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىپ، پاكىتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

ئەزالار مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقىغا ھەدەپ قارا چاپلاپ، تۈرلۈك سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇرغۇنچىلىق پائالىيەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى، دىنىي ئەسەبىيلىك پائالىيەتلىرىگە ئاشكارا يانتاياق بولۇپ يەل بەردى. بۇ خىل جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، ئەخلاق ۋە ھەققانىيلىق تۆۋەن چېكىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلىش قىلمىشى زومىگەرلىكنىڭ رەزىل ئويۇنى.

ئەزالار مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى. ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتە، يوقىتىلغىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان زەھەرلىك ئۆسمە، قولغا كەلتۈرۈلگىنى شىنجاڭنىڭ ئىناق، ساغلام تەرەققىياتى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن ئارزۇسى. بۇ نۇقتىنى شىنجاڭنى چىن كۆڭلىدىن قىزغىن سۆيىدىغان، ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ، ئازراق ساۋاتى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئېنىق پەرقلەندۈرەلەيدۇ.

ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قەتئىي تەۋرەنمەستىن دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ دىننى دەستەك قىلىپ ئەسەبىزمنى تارقىتىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش قىلمىشلىرىغا قوللانغان قەتئىي، كەسكىن تەدبىرىنى قوللاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىگە بويسۇنۇشقا، مۇلازىمەت قىلىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

ئەزالار مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق ئارزۇغا ئىنتىلىدۇ، دۈشمەن يامانلىقنى تىلەيدۇ. شىنجاڭدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى توغرىسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە نەتىجە كۆرۈنەرلىك بولدى، بىراق، غەربتىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەر ئىچ - ئىچىدىن ئۆچلۈك قىلدى. ئۇلار ھەر خىل دەستەكلەرنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئالدى بىلەن ئىدېئولوگىيە ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتنى مالىمان قىلدى، ئاندىن تۈرلۈك نۇسخىدىكى «رەڭلىك ئىنقىلاب»نى قوزغىدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ باشقا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرمىچىلىق قىلىپ، بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى خەلقنى قان - ياش ئاققۇزىدىغان، سەرسان - سەرگەردان قىلىدىغان ئەسكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. ھازىر يەنە مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ قولىنى جۇڭگوغا سوزۇشتىكى مەقسىتى مىللەت، دىن مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى مالىمان قىلىپ، پارچىلاپ، ئاخىرىدا پۈتۈن دۆلەتتە ئاپەت پەيدا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىش. خەلقئارا كۈرەشتىكى چوڭ ھەق - چوڭ ناھەقنى جەزمەن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «خام خىيالنى چۆرۈپ تاشلاپ، كۈرەش قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ»، سىياسىي مەيدانى مۈجمەل بولماسلىق، سىياسىي پىرىنسىپتىن تەۋرەنمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەت، دىن خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىنغا دائىر فاڭجېن - سىياسەتلىرى توغرا بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلەردىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەت، دىن مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىدا مېڭىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن خىزمىتىگە دائىر فاڭجېن - سىياسەتلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە پۇختا چىڭ تۇرۇپ، سىرتنىڭ شاۋقۇنلىرىنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىماسلىق كېرەك.

ئەزالار مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا يول قويۇلمايدۇ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بۇرمىلاشقا يول قويۇلمايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش نەتىجىسى جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ كۈنسېرى ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاشقا قاراپ ماڭغان قەدىمىنى ھەرقانداق كۈچ توسۇۋالالمايدۇ.

سۆھبەت يىغىنىغا مىللەت ۋە دىن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ ۋېيگۇاڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن چۈەن جېجۇ، ياڭ شياۋبو (كومىتېتتا تۇرۇشلۇق)، ياڭ فامىڭ، لو لىمىڭ ھەم 20دىن كۆپرەك ئەزا قاتناشتى.

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى، بايانات تۆۋەندىكىچە:

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ كەسكىن سۆزلىشىشى ۋە قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى نومۇسسىزلارچە ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك تەپەككۇرى ۋە زوراۋانلىق لوگىكىسىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ.

ھەممىگە ئايانكى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، زوراۋان - تېررورچى كۈچلەر، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)لىرىنى پىلانلاپ سادىر قىلىپ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى، نەچچە يۈز جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسىنىڭ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مال - مۈلۈك زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي يۈزبېرىشى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزدى، ئىنسانىي قەدىر - قىممەتنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى. تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ رېئال تەھدىتىگە قارىتا، جۇڭگو شىنجاڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارى ۋە ئەھدىنامىسىگە بىنائەن، دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن، قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن بويىچە تېررورىزمغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، مەقسەت تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى مەنبەدىن يوقىتىش. بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، پايدىلىق تەجرىبىلەرنى توپلىدى.

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەققانىيەت كىشىلەر قەلبىدە. جۇڭگو شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈزبەرمىدى، نۆۋەتتە جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان ئىناق مەنزىرە شەكىللەندى، خەلقنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارىتا، شۇ جايدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، 70 تۈركۈمدىن ئارتۇق ھەر خىل چەت ئەل تەشكىلاتلىرىدىن جەمئىي 1000دىن ئارتۇق كىشى جۇڭگو شىنجاڭغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھ بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە - ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ، دەپ تەرىپلىدى.

دانالار ئۆزىنى بىلىدۇ، ئۆزىنى بىلگەنلەر ئۆزىگە توغرا باھا بېرەلەيدۇ. ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم»نى ئىشقا سېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى جۇغراپىيەلىك سىياسىينى يۈرگۈزۈشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ، تېررورلۇققا قانچە قارشى تۇرغانسېرى شۇنچە ئەۋج ئېلىپلا قالماستىن، يەنە رايون مالىمانچىلىقى، ئەنسىزلىك پەيدا قىلدى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى رەزىللىكلەر شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق، يەنە دائىم ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق مۇھاپىزەتچىسى» دەپ ھېسابلاپ، ھە دېسىلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارىتا كەلسە - كەلمەس قول تىقتى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئوبيېكتىپ پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئاشكارا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇپ، خەلقئارا ئەخلاق ۋە ھەققانىيلىق ھەم ئىنسانىي ۋىجدانغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، بۇ، قىل سىغمايدىغان زومىگەرلىك قىلمىش. يالغان - ياۋىداق گەپ مەڭگۈ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوققا چىقىرالمايدۇ، جۇڭگو شىنجاڭغا بوھتان چاپلاش، قارا چاپلاشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست ئەمەلگە ئاشمايدۇ. شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى، بايانات تۆۋەندىكىچە:

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقى ۋە ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق - مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلگەن ئوبيېكتىپ پاكىتقا كۆز يۇمۇلۇپ، «كىشىلىك ھوقۇق»نى قوغداش دەستەك قىلىنىپ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى بۇرمىلىنىپ، قارا چاپلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىلدى، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ، ھەرگىز قوشۇلمايدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق ئالدى بىلەن ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىدۇر. شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ ئېنىق بىلىدۇ، شۇنداقلا ئەڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى بار. ئۆتكەن نەچچە يىل شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىر مەزگىلدە، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى كۆپ يۈزبېرىپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ھەر مىللەت خەلققە ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىگە قارىتا، شىنجاڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شۇ جاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. ھازىر شىنجاڭدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئىجابىي باھا بەردى.

ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان نۇرغۇنلىغان بىگۇناھنىڭ تالاپىتىگە قۇلىقىنى يوپۇرۇۋېلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنى مەقسەتلىك ھالدا ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ماقۇللىدى، بۇ، ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلگەنلىكى بولماستىن، بەلكى باشقا غەرىزى بارلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، جۇڭگونىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ھەممىگە ئايانكى، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا نۇرغۇن رەزىللىكلەر بار، دۆلەت ئىچىدە ئىرقىي، جىنسىي كەمسىتىش، قورال - ياراغلار يامراپ كېتىش قاتارلىق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مەۋجۇت، چەت ئەللەردە ئۇرۇش قوزغاپ ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلارغا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى بۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇردى. بۇ، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردىكى «قوش ئۆلچىمى»نى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ساختىلىقى ۋە ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىكىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى.

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى ۋە تىرىشچانلىقلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا ئىزاھلىغان كەسكىن مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ. بىز ئامېرىكىنىڭ ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىدىغان، بىمەنە ۋە كۈلكىلىك بۇ سىياسىي ئويۇننى توختىتىشنى، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت سېلىش، ئارىلىشىشنى توختىتىشنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىز. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ساختا ئەپت - بەشىرىسىنى تولۇق ئېنىق تونۇپ، جۇڭگونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى، بايانات تۆۋەندىكىچە:

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى»دە ئوبيېكتىپ پاكىت نەزەرگە ئېلىنماي، دۆلىتىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى بۇرمىلاندى، قارا چاپلاندى ۋە ئاساسسىز ئەيىبلەندى. بىز بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قوغدالدى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باراۋەر - ئىتتىپاق بولۇپ، ئىناق ئۆتۈپ - ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، مەنپەئەتداش - تەقدىرداش بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى.

دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىرتۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك تۈپ سىياسىتى. ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى ۋە قوغدالدى. شىنجاڭدا ھازىر ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل قاتارلىق 56 مىللەت، 25 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار، ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنى، خىرىستىيان دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق ئون ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، مەسچىت 24 مىڭ 400، ئىمام، خاتىب قاتارلىق ئىسلام دىنى دىنىي خادىمى 29 مىڭ. دۆلەتنىڭ تەشكىللىك، پىلانلىق ھەج قىلىش سىياسىتى بويىچە، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى شۇ جايدىكى شارائىتى بار ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج قىلىش پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1996 - يىلىدىن بۇيان، ھەر يىلى ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇردى ھەم چېگرادىن چىقىش - كىرىش، داۋالىنىش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق جەھەتلەردە يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ھەج قىلىش پائالىيىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھەر يىلى روزا ئېيى مەزگىلىدە، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ روزا تۇتۇشى ياكى روزا تۇتماسلىقى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشى بولۇپ، ئارىلىشىشقا ئۇچرىمىدى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر روزا ھېيت قاتارلىق بايراملاردا بازار تەمىناتىغا، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى دىن بىلىملىرىنى يېشىش ۋە سۆزلەش خىزمىتىنى پائال تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، «قۇرئان»، «ھەدىس»نى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدا تەرجىمە قىلدى، دىنىي بىلىم ئوقۇشلۇقلىرىنى تۈزۈپ بېسىپ نەشر قىلدى، ئۇيغۇرچە تور بېكىتى ۋە شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىنى ئېچىپ، چىقىرىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇشتەك ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىنى تارقىتىپ، ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنى توغرا ئېتىقاد قىلىشقا، توغرا يولدا مېڭىشقا يېتەكلىدى. جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ شىنجاڭ سىنىپى ۋە شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئىسلام دىنى يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈردى.

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»لەر ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دىننى دەستەك قىلىپ، ئاممىنىڭ ساددا مىللىي، دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ھەدەپ تارقىتىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر قىسىم ئاممىنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قايمۇقتۇردى. نۇرغۇن پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك قىلمىشلىرى شىنجاڭنىڭ تىنچ - ئىناق بولغان تەرتىپىگە، ئىتتىپاق - تەرەققىي قىلغان كەيپىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدى.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. شىنجاڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان، يامرايدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ يوقىتىپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈز بېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلەندۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ ئىسلام دىنى ساھەسى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پائال ماسلاشتى، نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نوپۇزلۇق دىنىي ئەقىدىلەرنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر تارقاتقان «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» «كاپىرلىق سەپسەتىسى» قاتارلىق سەپسەتىلەرگە رەددىيە بەردى، كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر بىردىنلا ئويغىنىپ، پۇشايمان قىلىپ، ئۆكۈنۈپ، ئازغان يولىدىن قايتىپ، ئەسەبىيلىكتىن ئاڭلىق يىراقلىشىپ، ھەم بىر ياخشى ئېتىقادچى بولىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى ۋەتەننى سۆيىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان بىر ياخشى پۇقرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بىز ئامېرىكا تەرەپنى ئوبيېكتىپ پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، دىن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز.

شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى، بايانات تۆۋەندىكىچە:

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلدى دەپ بوھتان چاپلىدى، بۇرمىلىدى ھەم ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ جۇڭگوغا بېسىم قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى 10 مىليوندىن كۆپرەك مۇسۇلمان ئاممىسى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»گە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمىز ۋە كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. «قانۇن لايىھەسى»دە ئوبيېكتىپ پاكىتقا كۆز يۇمۇلۇپ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بۇرمىلانغانلىقى، قارا چاپلانغانلىقى ۋە ئاساسسىز ئەيىبلەنگەنلىكى، پەقەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغايدۇ. بىز ئامېرىكىنىڭ پالاتا ئەزالىرىدىن شۇنداق سوراپ باقماقچىمىزكى، سىلەر شىنجاڭنى چۈشىنەمسىلەر؟ سىلەر شىنجاڭغا كېلىپ باققانمۇ؟ سىلەرنىڭ بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمىزغا قارىتا كەلسە - كەلمەس سۆزلەشكە نېمە ھوقۇقىڭلار بار. بىز شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ سىلەرگە ھەقىقىي شىنجاڭ، ھەقىقىي شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، ھەقىقىي شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرىش مەسئۇلىيىتىمىز بار، مەجبۇرىيىتىمىز بار.

مۇسۇلمانلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى. شىنجاڭدا ھازىر 20 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار، ئىسلام دىنى دىنىي خادىمىدىن 29 مىڭ كىشى بار، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايون بولۇپ ھەر دەرىجىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىدىن 103ى بار. ئىسلام دىنى ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىپ تەرەققىي قىلدى. شىنجاڭدا ھازىر شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ھەم قەشقەر، خوتەن، ئىلى قاتارلىق سەككىز شۆبە شۆيۈەن ۋە شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەكتىپىدىن ئىبارەت جەمئىي ئون دىنىي مەكتەپ بار، ھەر يىلى مەلۇم ساندىكى تولۇق كۇرس، ئالىي تېخنىكوم، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، بىر تۈركۈم زاپاس دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈردى، نۆۋەتتە مەكتەپتە 1100 ئوقۇغۇچى بار. دىنىي بىلىمگە ئېرىشىش يوللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە قاتارلىق تۆت خىل يېزىقتىكى «قۇرئان» «سەھىھۇل بۇخارى ھەدىسلىرىدىن جەۋھەرلەر» قاتارلىق دىنىي كىلاسسىك كىتابلار تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىش پائالىيىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. 1996 - يىلىدىن بۇيان، ھۆكۈمەت ھەر يىلى ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ، مۇسۇلمان ئاممىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىشقا تەشكىللىدى، ھەم ھەج قىلغۇچى خادىملارنىڭ داۋالىنىش، تەرجىمە قاتارلىق ئىشلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى، يەنە خادىم ئەۋەتىپ ئۆمەككە ئەگىشىپ مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەج پائالىيىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدىكى 50 مىڭدىن كۆپرەك مۇسۇلمان ئامما سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەجگە باردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى، نورمال دىنىي ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇلدى.

ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، ئەسەبىي ئىدىيە شىنجاڭغا سىڭىپ كىرىپ، يامراپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھارۇنخان ھاجى، جۈمە تاھىر قاتارلىق كۆپ نەپەر ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ياكى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى ياكى تەھدىتكە، ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش كۈچلۈك ساداسىغا قارىتا، شىنجاڭ ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، جىنايى قىلمىشى يېنىك ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلارغا قارىتا ياردەم بېرىش - يۆلەش تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنى تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ قۇربانى بولۇشتىن ساقلاپ قېلىپ، ئەڭ زور چەكتە پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى ھەم كىشىلىك قەدىر - قىممىتىنىڭ دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدى، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆيىگە قايتالايدۇ، ئىشى بولسا رۇخسەت سورايدۇ، خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى بار. تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلىرى كۆپ، ئوزۇقلۇقى مول مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەكلەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى خىزمەت تېپىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىدى. «قۇرئان»دا مۇنداق دېيىلگەن: «كىمكى زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تۆۋە قىلىپ تۈزەتسە، ئاللا ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تۆۋىسىنى قوبۇل قىلىدۇ». تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ ئاشۇ ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن يۇقۇملانغانلارنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، نورمال كىشىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىش، بۇ، كۆپچىلىكنى قوغدايدىغان ئەڭ زور ياخشى تەدبىر. ئەكسىچە، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار قانۇننى كۆزگە ئىلماي، جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھاياتلىققا سەل قاراپ، بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلدى، بۇ خىل جىنايى قىلمىش ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق روھىنى دەپسەندە قىلغانلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىشىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق، ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋپ، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدۇ.

ئامېرىكا ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىغا پىسەنت قىلماي، شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى يامان غەرەزدە ئەيىبلەپ، قارا چاپلاپ، بوھتان چاپلاپ، ھەتتا تۇتامى يوق گەپ قىلىپ، پاكىت ئويدۇرۇپ چىقاردى. ئەسەبىي ئۇنسۇرلار شىنجاڭدا مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىپ، دىنلار ئىناقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى سادىر قىلغاندا، سىلەرنىڭ كارىڭلار بولمىدى؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىناق، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغاندا، سىلەر ساختا ياخشىچاق قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئاتالمىش شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كەلسە - كەلمەس ئەيىبلىدىڭلار. شىنجاڭ ئۇدا ئۈچ يىل گۈللەنگەن، مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق ۋەزىيەتنى سىجىل ساقلىدى، بۇ دەل سىلەرنىڭ داغ تەگكۈزۈپ، قارا چاپلاپ قىلغان سۆزۈڭلارغا قىلىنغان ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە. شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن سىلەرنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى، ئەمدى كىشىلىك ھوقۇق، دىننى دەستەك قىلىپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلماڭلار، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا بىز ئۆزىمىز سۆزلەشكە ئەڭ ھوقۇقلۇق!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.