تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يالغاندىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش چوتنى خاتا سوققانلىق

ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى:

يالغاندىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش چوتنى خاتا سوققانلىق

12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالىغا قەستەن داغ تەگكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىگە بوھتان چاپلىدى، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستىن قىلىپ، ھەق - ناھەقنى ئايرىماي، ھەققانىيەتكە خىلاپلىق قىلىپ، قوش ئۆلچەم قوللاندى، شىنجاڭنىڭ ئىشىغا تەپ تارتماي قول تىقىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، بىز بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇيۇشقان ئىشچىلار سىنىپى ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز شىنجاڭدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 4 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسىغا ۋاكالىتەن كەسكىن بايانات ئېلان قىلىمىز:

تېررورىزم، ئەسەبىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ئەنگلىيە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق كىشىلەر ئۈچۈن «ۋاز كېچىش ۋە ئايرىلىش» (DDP) تۈرى تەسىس قىلدى، فىرانسىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ رايونلاردا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەركىزى تەسىس قىلدى، ئامېرىكىمۇ «مەھەللىدە تۈزىتىش» تەدبىرىنى يولغا قويدى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. بىرقەدەر ئۇزاق بىر مەزگىلدە، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، ئاممىنىڭ ساددا مىللىي، دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، ھە دەپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، «ئادەم ئۆلتۈرۈپ شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» قاتارلىق بىمەنە سەپسەتىلەرنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇشقا قايمۇقتۇردى، قۇتراتتى، 1990 - يىلىدىن 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى سادىر قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مال - مۈلۈك زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، جەمئىيەت تەرتىپى، خىزمەت تەرتىپى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى، شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلدى. شۇڭا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىش، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىپ يامرىشىنى توسۇش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. لېكىن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ شىنجاڭدا پەيدا قىلغان زوراۋانلىقىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە قىلچە كۆڭۈل بۆلمىدى، بۈگۈنكى كۈندە، ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاش ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇپ يەل بېرىشكە ئۇرۇنۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق، مال - مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى قانات ئاستىغا ئالدى، ئۇلارغا يان باستى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە يولغا قويغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭغا زەربە بېرىش بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئۆكتەملىك بىلەن ئەيىبلىدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە چىن كۆڭلىدىن ياردەم بەرگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ۋە جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»دىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونى توسۇش، پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل سۇيىقەستى.

كىشىلىك ھوقۇق بىر جۈملە شوئارلا ئەمەس، ئۇ چوقۇم كونكرېت ۋە ئەمەلىي بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئۆزى كۆككە كۆتۈرۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى كونكرېت ئىپادىسى ئۆزى ماختاپ ئۇچۇرغان «كىشىلىك ھوقۇق مۇھاپىزەتچىسى» بىلەن كۈچلۈك ئەكس پەرق پەيدا قىلدى. خەلقئارادا، 2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ 100 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنسىز كۆچمەن بالىنى قاماپ قويغانلىقىنى، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ كۆپ قېتىم يۈزبەرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكا - مېكسىكا چېگراسىدا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى توسۇپ، ئائىلىنى مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىش، قان قېرىنداشلارنى ئايرىۋېتىش قىلمىشىنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى؛ 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى بىرگە قارشى 37 ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى بىلەن، «بېيجىڭ خىتابنامىسىنىڭ 25 يىللىقى − جىنسىي باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاياللارغا ھوقۇق بېرىش ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر خىتابنامىسى»نى ماقۇللىدى، ئامېرىكا بىردىنبىر قارشى ئاۋاز بەردى، بىر قىسىم دۆلەتلەر جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمۇ ئاشكارا پىكىر بايان قىلىپ ئامېرىكىنىڭ جاھىل مەيدانىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى؛ 2018 - يىلى 3 - ئايدا، جەنۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 37 - قېتىملىق يىغىنى بىرگە قارشى 28 مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن «كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» قارارىنى ماقۇللىدى، ئامېرىكا يەنىلا ئەينى ۋاقىتتا قارشى ئاۋاز بەرگەن بىردىنبىر دۆلەت. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىرقىي كەمسىتىش ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، سانى ئاز مىللەتلەر توپى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىش ھەققى قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك پايدىسىز ئەھۋالدا تۇردى، تۆتتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئائىلىلەرنىڭ ساپ مۈلكى نۆل ياكى مەنپىي سان بولدى، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %42 ئامېرىكا ئاممىسى ئامېرىكىنىڭ ئىرق مۇناسىۋىتىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، %58 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئىرقچىلىقنى ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى بىر چوڭ مەسىلە دەپ قارىدى؛ گاللۇپ مەسلىھەت بېرىش شىركىتى تور بېكىتى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، %46 ئامېرىكىلىق ئايال زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىدىن نارازى ئىكەنلىكى ياكى ئىنتايىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بۇلتۇر 1 - ئايدا، ئامېرىكىدىكى نەچچە مىليون كىشى «2018 ئاياللار نامايىشى»غا قاتنىشىپ، جىنسىي پەرق سىياسىتىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئىچىدە، ئامېرىكا بىردىنبىر فېدېراتسىيە قانۇنىدا ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشلىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى بەلگىلەنمىگەن دۆلەت، شۇنداقلا «ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى»نى يولغا قويمىغان بىردىنبىر دۆلەت. ئەمەلىيەت شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئامېرىكا ھەرگىزمۇ «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى» ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا قول تىقىپ ئارىلىشىشقا قانداق سالاھىيىتى بولسۇن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاچقا، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، مۇقىملىق پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا، شىنجاڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەپ ۋە كەسىپ سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇردى، زورايتتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ شەھەر - بازارلىرىدىكى كەسىپكارلار 10 مىليونغا يېقىن، ھازىر بار بولغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزاسى 4 مىليون 163 مىڭ ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت ئىشچىلىرى تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم بولۇپ، بۇنى 1949 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە شىنجاڭدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى ئاران 28 مىڭ ئادەم بولۇش، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت ئىشچىلىرى ئاران 940 ئادەم بولۇشتەك ئەھۋالغا سېلىشتۇرغاندا ئاسمان - زېمىن پەرقلىنىدۇ! پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، ھەر قېتىم روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتا ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى يوقلايدۇ ۋە ئۇلاردىن ھال سورايدۇ ھەم قىيىنچىلىقى بار ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بىر قاتار دائىملاشقان ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا پۈتۈن شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشقا قاتنىشىشى بارغانسېرى كېڭەيدى، مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالى ۋە شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش مېدالى قاتارلىق تۈرلۈك باھالاش، تەقدىرلەشلەردە ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى %40تىن كۆپرەكنى ئىگىلەپ، زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، تېخنىكا ماھىرلىرى، تىيانشان ھۈنەرۋەنلىرى قاتارلىق ئىختىساسلىقلار ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نېفىت، پولات - تۆمۈر، كۆمۈرچىلىك ساھەسىدىكى سانائەت ئىشچىلىرى بار، يەنە داشۆ، دوختۇرخانا، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى زىيالىيلارمۇ بار، بۇ شىنجاڭنىڭ غايەت زور تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ھېچقانداق كىشى بۇنى يوققا چىقىرالمايدۇ! شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېررورىزم، ئەسەبىزم جەھەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ياكى جىنايەت قىلمىشى بار كىشىلەر ئەڭ زور چەكتە قۇتقۇزۇپ قېلىندى، ئۇلار دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ھەمدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئوقۇتۇش دەرسلىكلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئىگىلەپ، توقۇمىچىلىق، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ماھارەتنى ئىگىلەپ، دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىشتەك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قاتناشتى، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

بىز ئامېرىكا تەرەپنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى، شىنجاڭنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق چەت دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز. ئامېرىكا تەرەپنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قانۇن لايىھەسى جۇڭگو تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرىگە قەستەن قارا چاپلىدى، بۇ پەقەت ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئاشكارىلاپ، جۇڭگو خەلقىگە ئۇنىڭ ساختا ئەپت - بەشىرىسى ۋە رەزىل غەرىزىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز ئامېرىكا تەرەپنى خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىنى توختىتىشقا رەسمىي يوسۇندا نەسىھەت قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.