تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلغان بارلىق رەزىل سۇيىقەستلەر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ياسىن سىدىق

شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان - قېرىنداش ئەزاسى، ھازىر، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىشلار ياخشىلىنىشقا قاراپ راۋاجلىنىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى. ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ھە دېسىلا كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، پاكىتنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، جۇڭگو شىنجاڭغا بوھتان چاپلىدى، قارا چاپلىدى. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ھەدەپ ھۇجۇم قىلىپ، يامان غەرەزدە داغ تەگكۈزدى، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق ئوچۇقتىن - ئوچۇق زومىگەرلىك قىلمىشىنى بىز كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز!

1990 - يىلىدىن 2016 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە، «ئۈچ خىل كۈچ» جۇڭگو شىنجاڭ رايونىدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى)نى پىلانلاپ سادىر قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مال - مۈلۈككە مۆلچەرلىگۈسىز زىيان سېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزۈپ، ئىنسانلارنىڭ ئاساسىي ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى. رېئال تەھدىت ئالدىدا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ كەڭ قوللىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ باھاسىغا ئېرىشىپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ۋە تۆھپە قوشتى.

نۆۋەتتە، مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى. جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، بولۇپمۇ بىر رايوننىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان مۇھىتىنى نامايان قىلىدىغان «بارومېتىر» − ساياھەتچىلىك ئۇدا ئۈچ يىل زور نىسبەتتە ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. شىنجاڭغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئىقتىسادتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2018 - يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %7.8 ئېشىشى، مالىيە كىرىمىنىڭ %27.5 ئېشىشى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرى پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %2.8 ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق ياخشى تەرەققىي قىلىش ھالىتىنى ساقلىدى، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، ئىستېمال، تاشقى سودا، پۇل مۇئامىلە، مال باھاسىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم بولدى، 3 - كەسىپ، ئۆي - زېمىن، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى تېز ئاشتى، كەسىپ قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالىشىپ، مىقدار بىلەن سۈپەت تەڭ ئېشىشتەك تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى. شەھەر قۇرۇلۇشى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، شەھەر مۇھىتى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ، زامانىۋىلاشقان خەلقئارا شەھەر بولۇشقا قاراپ پۇختا قەدەم بېسىلدى. خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىدا ئالدىن ھەرىكەتكە كېلىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش باشتىن - ئاخىر گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشى چىقىمى ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %70تىن ئارتۇقىنى ئىگىلىدى، ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ جەمئىيەت كاپالەت ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەربىيەلىنىش ھوقۇقى قاتارلىق جەمئىيەت ھوقۇقلىرى مىسلىسىز كاپالەتكە ئېرىشتى.

جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشى، ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىل دۆلەت ئىكەنلىكى، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتا قوللانغان تەدبىرى، بولۇپمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش جەھەتتە قوللانغان بىر قاتار پائال تەدبىرلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغانلىقى، ئامېرىكا تەرەپ ئېيتقاندەك «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش» مەسىلىسىنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ بەردى.

بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولىدىكەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىقى بولىدىكەن، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنى توسىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىل سۇيىقەستى پاكىت ئالدىدا ئاخىر ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق بولۇپ، مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.