تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك - ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك - ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەزلىك تۈزەش ۋە قىش - ئەتىيازدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سىجىل مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، لېكىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ.

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بىر تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر تەرەپنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش»تەك سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى زىممىگە ئېلىپ، ئەڭ قاتتىق تەلەپ بويىچە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە بىلەن بىخەتەرلىك قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى قاتتىق، پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماي، قىلچە يول قويماي، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق باشقۇرۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ۋىۋىسكا ئېسىپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئېغىر، زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىپ، ھەرقانداق بىر يوچۇقنى بوش قويۇۋەتمەسلىكى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنى كەسكىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا يۇمشاق قوللۇق قىلىش، كەڭچىلىك قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك. مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. نۆۋەتتىكى قىش - ئەتىيازدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سودا سارىيى، بازار قاتارلىق ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلار ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئوت ئاپىتى قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك خىزمەت تەدبىرلىرى ئارقىلىق قىش - ئەتىيازدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» ۋە «ئۈچ جەزمەن» تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم ياخشىلىنىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىناق، مۇقىم بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، جاۋ چىڭ، ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى