تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارالمىلىرى ماقۇللاندى.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىدىكى تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىشى توغرىسىدىكى ئەھۋال؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېڭ جېنشەن بەرگەن كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار چۈشەندۈرۈش؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو بەرگەن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (لايىھە)نىڭ چۈشەندۈرۈشى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - قېتىملىق يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (لايىھە)نىڭ چۈشەندۈرۈشى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئالاقىدار تۈزۈمگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش چۈشەندۈرۈشى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ 2019 - يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە نەق مەيداندا باھا بەردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ «بىرىكمە مۇشت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش 2019 - يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۈرئەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى