تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

110 مىڭ پارچە كىتاب چاپچال ناھىيەسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى

  جۇڭگو جياڭسۇ تورى، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، يەنچېڭ خەۋىرى (چېڭ گۇاڭ، ليۇ جۈنجيەن): 11-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، يەنچېڭدىن يولغا چىققان، 110 مىڭ پارچە كىتاب بېسىلغان مېھىر-شەپقەت مەخسۇس پويىزى شىنجاڭ غۇلجا ۋوگزالىغا ئاستا-ئاستا كىرىپ كەلدى، بىر ھەپتىدىن ئارتۇق تىزىملاش، تىزىملىك چىقىرىش ئارقىلىق، يەنچېڭدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قويۇق دوستلۇقىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بۇ سوۋغىلار چاپچال ناھىيەسىدىكى بالىلارنىڭ قولىغا رەسمىي يەتكۈزۈلدى.

  11-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 يېرىمدا، يەنچېڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن يەنچېڭ ۋە چاپچال ئىككى جاينىڭ ئىتتىپاق كومىتېتى بىرلىكتە قانات يايدۇرغان «يەنچېڭ-چاپچال بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا بىرلىكتە چۆمۈش» تېمىسىدا كىتاب ئىئانە قىلىش مۇراسىمى چاپچال ناھىيەسىدىكى يەنچېڭ تەجرىبە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، يەنچېڭدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئىئانە قىلغان 110 مىڭ پارچە ھەرخىل ئوقۇشلۇق زالنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى، بۇ كىتابلار بىلەن بىللە يېتىپ كەلگەن نەرسىلەر ئىچىدە، يەنە يەنچېڭدىكى بالىلارنىڭ چاپچال ناھىيەسىدىكى تەڭتۇشلىرىغا يازغان تىلەك كارتىلىرىمۇ بار ئىدى. «بۇ <كىچىك يولۋاسنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى> ماڭا باتۇر، مۇستەقىل بولۇشنى ئۆگەتتى، سىلەر بىلەن بىللە بەھرىمەن بولسام دەيمەن»، «چېگرا رايوندىكى سۆيۈملۈك كىچىك دوست، بۇ بىر نەچچە پارچە كىتابنىڭ سىلەرگە بىلىم ۋە ئۈمىد بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»... گەرچە ئارىلىق يىراق بولسىمۇ، ئەمما تەڭتۇشلارنىڭ رىشتى بىر-بىرىگە مەھكەم باغلانغانىدى، يەنچېڭدىكى بالىلار گۆدەكلەرچە پوچېركىلىرى بىلەن چاپچال ناھىيەسىدىكى كىچىك دوستلارغا بەس-بەستە سالام يوللىدى ۋە بەخت تىلىدى. مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ كىتابلاردىن 10 پارچىنى يەنچېڭ شەھىرى ئازادلىق يولى تەجرىبە مەكتىپىنىڭ 4-يىللىق 10-سىنىپىدىكى يۆ پېيتۇڭ ئىئانە قىلغان، ئۇنىڭ دادىسى يۆ ۋېنلياڭمۇ پائالىيەت مەيدانىغا كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ يىراقتىكى ئوغلى ئىئانە قىلغان كىتابلارنى شۇ جايدىكى بالىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرغان، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور ئىدى. «ئاتا-بالا كۈچ ئۇلاپ مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزدۇق» دېدى يۆ ۋېنلياڭ، ئۇ چېگرا رايوندىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭ يەنە ئوغلىغا نىسبەتەنمۇ بىر خىل ھەيدەكچىلىك ۋە تەربىيە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، يەنچېڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش بويىچە يۆلەش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، يەنچېڭ-چاپچالدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ «ئۆزئارا تۇتاشقان دەرسخانا ئەقىل سۇپىسى»نى بەرپا قىلىپ ۋە بۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئەلالاشتۇرۇپ، يەنچېڭ-چاپچالدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى مەكتەپلەر ئارىسىدا «بىۋاسىتە تارقىتىش دەرسخانىسى»، «تور ئوقۇتۇش تەتقىقاتى»، «داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس يەتكۈزۈش دەرسخانىسى» قاتارلىقلارنى ئېچىپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، چاپچال ناھىيەسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا يەنچېڭ شەھىرىنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە مائارىپ ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، تۈرلۈك ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ۋە نامراتلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، جەمئىي 1000غا يېقىن نامرات ئوقۇغۇچىغا ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى