تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۆجىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۆجىن

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۆجىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

سوئال: شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى، دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تارمىقى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

جاۋاب: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، بۇرمىلاپ ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرى ۋە شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارىتا خالىغانچە تۆھمەت قىلىپ ۋە ئاساسسىز ئەيىبلەپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى «قوش ئۆلچەم»ى ۋە «كىشىلىك ھوقۇق» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش مەقسىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، بىز بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىمىز ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، جۇڭگودا، بولۇپمۇ شىنجاڭ رايونىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەلىرى ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئاساسىي ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى. رېئال تەھدىت ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇق پائالىيىتى كۆپ يۈز بېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ باھاسىغا ئېرىشىپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ۋە تۆھپە قوشتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، مەدەنىيەت مىسلىسىز گۈللەندى، دىنلار ئېجىل، رايىش بولدى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدا، قانۇنچىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تېررورىزمغا زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرىدۇ، قانۇن بويىچە تېررورىزمغا زەربە بېرىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنى مۇئەييەن دۆلەت، مىللەت، دىن بىلەن باغلاشقا قارشى تۇرىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم» قوللىنىشقا قارشى تۇرىدۇ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەم تېررورىزم پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ، ھەم تېررورىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش شارائىتىنى تۈگىتىشكە كۈچەيدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر كېڭىشىش ئاساسىدا، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھازىر، تېررورىزم، ئەسەبىزم ئېلىپ كەلگەن خىرىس يەنىلا كەسكىن، تېررورىزم، ئەسەبىزمگە زەربە بېرىشتە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، يولۋاسقا يانتاياق بولغانلار ئاخىرىدا يولۋاسقا يەم بولىدۇ، پەقەت «قوش ئۆلچەم»نى چۆرۈپ تاشلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئاندىن تېررورىزم، ئەسەبىزمنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك توسۇپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغدىغىلى بولىدۇ.

سوئال: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»دە جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭدا «باستۇرۇش»نى يولغا قويۇپ، «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلدى» دەپ كۆپ قېتىم «تەنقىد قىلىنىپتۇ». سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: بىر مەزگىلدە، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرى دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ قاتارلىق جايلىرىدا بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ، تەشكىللەپ، سادىر قىلىپ، جەمئىي نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى، ۋەقەسىنى سادىر قىلىپ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نەچچە يۈز نەپەر جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى قۇربان بولدى، مال - مۈلۈك زىيىنى مۆلچەرلىگۈسىز بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزدى. دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش، شىنجاڭ ھەمدە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە باشتىن - ئاخىر قانۇن بويىچە قەتئىي قاتتىق زەربە بەردى، قانات يايدۇرۇلۇۋاتقىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى ئارقىلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك قوغداپ، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ مۇھىم تۆھپە قوشتى.

جۇڭگو قانۇنچىل دۆلەت، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىش جەريانىدا، پاكىتنى ئاساس قىلىش، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىشنى كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈردى ھەم ئاز ساندىكى ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تايانچ ئۇنسۇرلىرى ۋە تېررورلۇق پائالىيىتى جىنايەتچىلىرىنى قاتتىق جازالاپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىشىنى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلەندۈردى؛ يەنە مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ياردەم بېرىش، تەربىيەلەش ئارقىلىق، قانۇنغا خىلاپ يېنىك جىنايى قىلمىشى بار بولغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەپ، قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى ۋە قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالدى، ئامېرىكا تەرەپ دېگەندەك «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش» مەسىلىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.

سوئال: بۇلتۇردىن بۇيان، ئامېرىكا سىجىل تۈردە شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلدى. بۇنىڭغا سىز قانداق باھا بېرىسىز؟

جاۋاب: شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركەزلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى يۆنىلىش، مەقسەت قىلغان مەكتەپ خاراكتېرىدىكى ئاپپارات، بۇ يىل 8 - ئايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق تونۇشتۇردى، شۇنداقلا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يامان غەرەزلىك ئەيىبلىشىگە ئىنكاس قايتۇردى.

بۇ يەردە مېنىڭ تەكىتلىمەكچى بولغىنىم شۇكى، تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەم دۇنياۋى خاراكتېرلىك مەسىلە، ھەم دۇنياۋى خاراكتېرلىك قىيىن تېما. جۇڭگو چەت ئەللەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى كەڭ ئۆرنەك قىلىش، قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشى جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە قىلغان ئاكتىپ سىنىقى ۋە ئىزدىنىشى، شۇنداقلا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» قارارىغا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى»غا ئاۋاز قوشقانلىقى ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىدۇر. 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار، دىنىي تەشكىلاتلار قاتارلىق 91 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 70 نەچچە تۈركۈم ئۆمەك - گۇرۇپپا، 1000دىن ئارتۇق ئادەم شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى. نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىش، زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق، نۇرغۇن ئادەم شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكى، زۆرۈرلۈكى، قانۇنلۇقلۇقى، مۇۋاپىقلىقىنى چۈشەندى. ئۇلار بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ، تەلىم - تەربىيە خىزمىتى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىغان ئاشۇ تەربىيەلەنگۈچىلەرنى قۇتقۇزۇپ قالدى، شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە خىزمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، ناھايىتى ئۆرنەك قىلىش قىممىتى بار. ئامېرىكا تەرەپنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى بۇرمىلىشى، تۆھمەت قىلىشى «دىن» «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

سوئال: تېررورىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز.

جاۋاب: جۇڭگو تېررورىزمغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۆزى تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىللە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئەمەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ماقۇللىغان بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قارارلىرىنى قوللىدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 12 يەر شارىۋى خاراكتېرلىك خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىدى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى رايون مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمىغا ئاكتىپ قاتناشتى ھەم ئىككى تەرەپ يولى ئارقىلىق ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ۋە قۇترىتىشى بىلەن، چېگرايىمىز ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز چىقىپ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئەھۋالى گەۋدىلىك بولۇپ، دۆلەتلەر ۋە رايونلار ئارىسىدىكى خەۋپسىزلىك، مۇقىملىققا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. بۇ تۈردىكى جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىق سالمىقىنى زورايتىپ، قەتئىي تۈردە خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت دەلىل - ئىسپاتلىرىنى تاپشۇرۇپ، قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى. ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن چېگرادىن قانۇنسىز چىققان كىشىلەرگە قارىتا، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى پاكىتنى ئاساس قىلىش، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە جۇڭگونىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرى بويىچە قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن تەدبىرى قوللىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارنى پەرقلەندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. بۇ خىزمەتلەر جۇڭگو ۋە رايونلار ئارىسىدىكى خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقنى كۈچلۈك قوغدىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.