تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بايانات ۋە سۆز ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بايانات ۋە سۆز ئېلان قىلىپ،

ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى، بايانات تۆۋەندىكىچە:

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلاپ، ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلىدى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. بىز بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە دىن ئىشلىرى نىزامى ھەمدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان ۋە يولغا قويۇلغان. شىنجاڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە يولغا قويۇلۇشىدىكى مەقسەت تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش ۋە يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى يوقىتىپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ئەڭ زور چەكتە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ، كەڭ خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەڭ ياخشى قوغدىغانلىق، شۇنداقلا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مۇھىم، زور تۆھپە قوشقانلىق.

تېررورىزم، ئەسەبىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالاقىدار تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك بولدى، شىنجاڭنىڭ ئامانلىق ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى. ھالبۇكى، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە تېررورىزمغا زەربە بېرىش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپلا قالماستىن، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان، جەمئىيىتى مۇقىم بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپلا قالماستىن، ئەكسىچە پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش يولىدىكى ھەققانىي تەدبىرىگە داغ تەگكۈزدى، قارا چاپلىدى. بۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى تىپىك «قوش ئۆلچەم» بولۇپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ساختىپەزلىكى تولۇق ئاشكارىلاندى.

بىز ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بىز ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى سىياسىي بىر تەرەپلىمە قارىشىنى چۆرۈپ تاشلاپ، جۇڭگو تەرەپكە بېسىم ئىشلىتىشتەك خاتا ئۇسۇلدىن ۋاز كېچىپ، جۇڭگو تەرەپنى ئاساسسىز ئەيىبلەشنى توختىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى توختىتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقىغا توسالغۇ پەيدا قىلىشنى توختىتىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومېتىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومېتىتى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى، بايانات تۆۋەندىكىچە:

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى جۇڭگو تەرەپنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي، جاھىللىق بىلەن «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتى بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. شىنجاڭدا تەسىس قىلىنغان تەلىم - تەربىيە مەركىزى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەكتىپى بولۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، ئەسەبىي ئىدىيە تەرىپىدىن «كاللىسى يۇيۇلغان» كىشىلەرنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشىغا، قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئىقتىدارىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان. شىنجاڭ قانۇن بويىچە بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن بۇيان، ئۇدا ئۈچ يىل بىر قېتىممۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، گۈللەنگەن، مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت ئىناق بولغان ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى. بۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسى. ئامېرىكىنىڭ بۇ «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىشى تېررورىزمنى قوللىغانلىق، يامانغا يانتاياق بولغانلىق، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نەتىجىسىنى ئىنكار قىلغانلىق ۋە يوققا چىقارغانلىق، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە كاپالەتلەندۈردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 64 يىلدىن بۇيان، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 80 ھەسسە ئاشتى، پەقەت 2014 - يىلىدىن بۇيان 3 مىليونغا يېقىن نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. شىنجاڭدا نۆۋەتتە 28 مىڭدىن ئارتۇق دىنىي سورۇن بار، بۇ 24 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 530 مۇسۇلمان ئاممىغا بىردىن مەسچىت توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىشى دەل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. ئامېرىكا بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى، ئەكسىچە جۇڭگوغا كەلسە - كەلمەس قول تىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتتە ئۇرۇش قوزغاپ، پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دۆلەت ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە ئىرقىي كەمسىتىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئامېرىكا بۇ «قانۇن لايىھەسى»دە پاكىتقا كۆز يۇمدى، ئاق - قارىنى پەرقلەندۈرمىدى، بۇ، «قوش ئۆلچەم»قوللانغانلىق، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسىغانلىقتۇر.

بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىشى بولسا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئامېرىكا تەرەپ ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، پاكىتنى ئېنىق تونۇپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى قوغداش چوڭ ۋەزىيىتىنى مۇھىم دەپ بىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ھەمكارلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئورتاق كۈچەيتىپ، دۇنيا ۋە رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا سۆز ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ھېلىلا ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. مەزكۇر لايىھە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن داغ تەگكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشتى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقى، قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. شىنجاڭ ئىلگىرى ئەسەبىزم، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بەردى، بۇ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئاكتىپ ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭدا ئۈچ يىلدىن بۇيان بىر قېتىممۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنىڭ يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى، يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ پائال تۆھپە قوشتى.

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئومۇميۈزلۈك ئىجابىي باھا بەردى. 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، 70 تۈركۈمدىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون ئەمەلدارلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئاخبارات تاراتقۇلىرى، دىنىي تەشكىلاتلار، مۇتەخەسسىس - ئالىملار قاتارلىقلاردىن بولۇپ 1000دىن ئارتۇق ئادەم شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمەت تەجرىبىلىرى ئۆگىنىشكە، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىكەن، دەپ بەس - بەستە تەرىپلىدى. بۇ يىل 3 - ئايدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ مۇسۇلمان ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ماختىدى. 7 - ئايدا، 50 نەچچە دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خاس خادىمىغا بىرلەشمە ئىمزالىق خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى. 10 - ئايدا، 60تىن ئارتۇق دۆلەت 74 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 3 - كومىتېتىنىڭ يىغىن مەزگىلىدە بەس - بەستە سۆز قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭدىكى غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى تەرىپلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدە قۇسۇر تېپىشى پاكىتقا پۈتۈنلەي خىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئاساسىي ئېقىم ئەلرايىغا پۈتۈنلەي خىلاپ.

بىز ئامېرىكا تەرەپنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى: شىنجاڭنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ يۇقىرىقى «قانۇن لايىھەسى» جۇڭگو تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىگە قەستەن قارا چاپلىغانلىق بولۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى «قوش ئۆلچەم»ىنى يەنىمۇ ئاشكارىلايدۇ، پەقەت جۇڭگو خەلقىگە ئۆزىنىڭ ساختىپەز ئەپت - بەشىرىسى ۋە رەزىل نىيىتىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇتىدۇ.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇش سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بىز ئامېرىكا تەرەپنى خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىپ، يۇقىرىقى شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نىڭ قانۇنغا ئايلىنىشىنى توسۇپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا رەسمىي يوسۇندا نەسىھەت قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى جۇڭگو تەرەپنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ۋە كەسكىن سۆزلىشىشىگە پەرۋا قىلماي، جاھىللىق بىلەن «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىق. مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» پاكىتقا كۆز يۇمۇۋېلىپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتكەن، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش بىلەن تولغان، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يوققا چىقارغان، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي ھېس - تۇيغۇسىغا پىسەنت قىلمىغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قىلچە تۆۋەن چەك بولمىغان «قوش ئۆلچەم»ىنى ۋە ساختا، رەزىل بولغان زومىگەرلىك لوگىكىسىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ.

شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ، ھەر قانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ شىنجاڭدا تۇغدۇرغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە قىلچە كۆڭۈل بۆلمىدى، بۈگۈنكى كۈندە «كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇپ مەدەت بېرىشكە ئۇرۇندى، بۇ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ۋە جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»نى باھانە قىلىپ، دۆلىتىمىزنى توسۇش، پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل نىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر قانداق سۇيىقەست مەغلۇپ بولۇش تەقدىرىدىن چوقۇم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاخىرىدا تارىخنىڭ كۈلكە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بىز ئىش تېرىمايمىز، لېكىن ئىشتىنمۇ قەتئىي قورقمايمىز، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. بىز ئامېرىكىنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشقا، شىنجاڭنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشقا رەسمىي يوسۇندا نەسىھەت قىلىمىز، بولمىسا ئۆزى قىلغان ئەسكىلىكنىڭ ئاقىۋىتىنى چوقۇم ئۆزى تارتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.