تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوۋ ۋېي خەۋىرى): يېقىندا، ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ زور تۈركۈمدە بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ مال تىرانسپورتى يىلدا بىر كېلىدىغان ئالما توشۇش بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئايدا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 300 توننىدىن ئارتۇق ئاقسۇ ئالمىسىنى توشۇغان بولۇپ، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشقان.
«بۇ يىل يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان ئاقسۇ ئالمىسى ئاساسلىقى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى ئارقىلىق گۇاڭجوۋ، شاڭخەي، شېنجېن، چاڭشا، خاڭجوۋ، نەنجىڭ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، بېيجىڭ، تيەنجىن، شېنياڭ، شىئەن، شيامېن، جۇخەي، سەنيا، خەيكوۋ قاتارلىق جايلارغا توشۇلدى، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە توشۇلۇش مىقدارى 10 نەچچە توننا بولدى.» جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى مال تىرانسپورت بۆلۈمى سېتىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ لىلەن تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، جىڭدۇڭ شېڭشيەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئالما جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ «شىنجاڭ ئاقسۇ ئالمىسى سۈپەت ئۆلچىمى سىستېمىسى»نى ئېلان قىلغان، ئالمىنىڭ رەڭگى، شەكلى، چوڭ-كىچىكلىك پەرقىگە ئاساسەن، ئاقسۇ ئالمىسى 1-دەرىجە، 2-دەرىجە ۋە 3-دەرىجە دەپ بۆلۈنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 1-دەرىجىلىك ئالمىنىڭ سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى ھېسابلانغان.
ئۇزۇن مەزگىل مېۋە-چېۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان جاڭ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن يۇقىرى بولغان، 2-دەرىجىلىك ۋە 3-دەرىجىلىك ئالمىلارنىڭ بازاردىكى بېكىتىلگەن ئورنى نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، زور تۈركۈمدىكى 2- ۋە 3-دەرىجىلىك ئالما ئاساسلىقى ئاپتوموبىل تىرانسپورتىدا سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق توشۇلغان؛ 1-دەرىجىلىك ئالمىنىڭ يېڭىلىق دەرىجىسى قانچە ياخشى بولسا، سېتىلىش باھاسى شۇنچە يۇقىرى بولۇپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى كېتىدىغان ۋاقىت قىسقا بولۇش، ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىچكىرى رايونلاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مېۋە-چېۋە بازارلىرىنى ئىگىلەشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ قالغان.