ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يەنخۇڭ خەۋىرى): ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى 12 كوچا ئولتۇراق رايونىدىكى 78 ياشلىق ئاھالە تاڭ رۇيشيا نامى چىققان «قىزغىن» موماي، ئەتراپتىكى قوشنىلار مەيلى قىيىنچىلىققا يولۇقسۇن، ياكى ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىسۇن، ئۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، ئۇ بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ھويلىسىدىكى «مۇلازىمەت چولپىنى».
12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە، تاڭ رۇيشيا مېۋە-چېۋىلەرنى كۆتۈرۈپ 3- قەۋەتتە ئولتۇرۇشلۇق خاسىيەت مامۇتنىڭ ئۆيىگە كىردى. «ئۇ زۇكامداپ قاپتۇ، ئۆزى يالغۇز ئۆيدە نەۋرىسىگە قارايدۇ، مەن قىلىشىپ بەرگۈدەك ئىش بارمۇ-يوق، شۇڭا كىردىم» دېدى ئۇ.
«تاڭ ئاچا، تېز كىرىڭ» ئىشىكنى ئېچىپ تاڭ رۇيشيانى كۆرگەن خاسىيەت مامۇت خۇشال ھالدا ئۇنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى، ئۇلار ئائىلىدىكى كۈندىلىك ئىشلار ھەقققىدە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.
خاسىيەت مامۇت مۇنداق دېدى: تاڭ رۇيشيا بىلەن 30 يىللىق كونا قوشنا بولۇپ قالدۇق، ئىلگىرى بىر قەۋەتلىك ئۆيدە تۇرىدىغان ۋاقىتتىن باشلاپ قوشنا ئىدۇق، 1995-يىلى ئولتۇراق رايونغا كۆچۈپ كىرگەندە، يەنە بىر بىنا بىر كورپۇستا ئولتۇردۇق. ئەينى ۋاقىتتا، ئىككى بالا بىلەن تۇرمۇشۇم قىيىنچىلىقتا ئىدى، تاڭ رۇيشيا دائىم ماڭا ياردەملىشىپ بالىلىرىمغا قارىشىپ بېرەتتى، يەنە ماڭا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ بېرەتتى.
تاڭ رۇيشيا يەنە تېخى ئولتۇراق رايوننىڭ بىنا باشلىقى بولۇپ، بۇ يەردە تۇرىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار بولغاچقا، ئۇ دائىم ئۆيمۇئۆي كىرىپ يوقلاپ تۇراتتى. «ئەگەر ئاغرىپ قالغان ياشانغانلار بولسا، دەرھال ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشكە توغرا كېلىدۇ، يەنە بەزى ھەرىكىتى قولايسىز كىشىلەر كۆكتات، سۇ، توك سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىقمۇ-يوق، قاراپ باقىمەن.» تاڭ رۇيشيانىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما سالامەتلىكى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن.
بۈگۈنكى كۈندە، تاڭ رۇيشيا قوشنىلار بىلەن ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلىشىپ 20 نەچچە يىلنى ئۆتكۈزدى، قىزغىن تاڭ رۇيشيا قوشنىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپلا قالماي، يەنە ئەڭ گۈزەل پىدائىي، مۇنەۋۋەر بىنا باشلىقى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) بويىچە «ئەتراپتىكى ياخشى كىشى»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئىلغار شەخس، 4-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە «ئەخلاق نەمۇنىچىسى» قاتارلىق بىر قاتار شەرەپلەرگە ئېرىشتى. لېكىن ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغىنى، يەنىلا ھويلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ «تاڭ ئاچا»، «تاڭ ھامما»، «تاڭ موما» دەپ چاقىرىشى ئىدى.