تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

يۈز مېتىردا بىر مەنزىرە، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ بۇ كوچىسىدا مەنزىرە نۇقتىسىدىن 16سى بار

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز چۈ يۈەنيۈەن، لى خۈيلىڭ فوتوسى، خەۋىرى): ھەربىر شەھەردە ھېكايىسى بار بىر كوچا بار. شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىدىكى جۇڭگو-رۇسىيە كونا پىرىستان ئۆرپ-ئادەت كوچىسى دەل شۇ ھېكايىسى بار كوچا. بۇ جايدا 16 ھېكايە 16 مەنزىرە نۇقتىسىغا «مۇجەسسەملەنگەن». پىيادە ماڭغاندا ھەر ئىككى مىنۇتتا بىر قېتىم بىر مەنزىرە نۇقتىسىنى كۆرگىلى، بىر ھېكايىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

  12-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ بۇرچىن مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى جۇڭگو-رۇسىيە كونا پىرىستان ئۆرپ-ئادەت كوچىسى مەنزىرە رايونى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ تارقىلىشى ئەڭ كۆپ بىر كوچا بولۇپ قالغان. ئۈچ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كوچا ھازىر مىللىي ئۆرپ-ئادەت بويىچە مال سېتىۋېلىش، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت ساياھىتى، قىزىل تەتقىقات-ئۆگىنىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى قاتارلىق كۆپ خىل ساياھەت كەسىپ ھالىتى بىر گەۋدە قىلىنغان ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىگە ئايلانغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى جۇڭگو-رۇسىيە كونا پىرىستان ئۆرپ-ئادەت كوچىسى مەنزىرە رايونىغا 350 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىشلەتتى ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خېدى كەچلىك بازىرى، رۇسىيە ئۆرپ-ئادەت سودا پىيادىلەر كوچىسى، باۋيۈشى سېتىۋېلىش كوچىسى، جۇڭگو-سوۋېت سۇ تىرانسپورتى خاتىرە سارىيى، جۇڭگو-سوۋېت تۇڭخاڭ كونا پىرىستانى، لاۋفۇچياۋ كۆۋرۈكى خارابىسى، جىنشەن بىلىم يۇرتى، كۇڭزى مەدەنىيەت مەيدانى، قاناس چوڭ تىياتىرخانىسى، تۇڭشىنچياۋ كۆۋرۈكى، چىسەي چوڭ يولى، روشۈيچياۋ كۆۋرۈكى، ئېرتىش دەرياسى مەدەنىيەت مەيدانى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ئېرتىش دەرياسىنى مەركەز قىلغان ھالقىسىمان لىنىيەلىك ئىستىراھەت ساياھەت بەلبېغىنى شەكىللەندۈردى.

  جۇڭگو-رۇسىيە كونا پىرىستان ئۆرپ-ئادەت كوچىسى مەنزىرە رايونى زىيارەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى «يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر، ساياھەت، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» قاتارلىق ھەر خىل تاللاش بىلەن تەمىنلىدى. سەھەردە، كىشىلەر «كاۋا» سەيلە مەپىسىگە ئولتۇرۇپ «چۆچەكلەر دۇنياسى ساياھىتى»نى باشلايدۇ؛ چۈشتە، كىشىلەر سۇ رايى پونكىتىغا بېرىپ، «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساياھىتى»نى باشلايدۇ؛ كەچكى شەپەق ئاستىدا، كىشىلەر تۇڭشىنچياۋ كۆۋرۈكى ئۈستىدە كەچكى شەپەق ئاستىدىكى شەھەرگە نەزەر تاشلايدۇ؛ كەچ كىرگەندە، خېدى كەچلىك بازىرىدىكى بېلىق كاۋىپىنىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپنى بىر ئالىدۇ، مەدەنىيەت-سەنئەت كىچىك تارماق ئەترىتىنىڭ ناخشا ساداسى كوچىدا ياڭرايدۇ، باۋيۈشى سېتىۋېلىش كوچىسىدىكى ئېسىل تاۋارلار كىشىلەرنى جەلپ قىلىدۇ، بۇ «كۆرۈنۈش»لەر بۇ يەرنى «كېچە بولماس شادلىق كوچىسى»غا ئايلاندۇرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى، جۇڭگو-رۇسىيە كونا پىرىستان ئۆرپ-ئادەت كوچىسى مەنزىرە رايونى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خاس كوچا رايونى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى بولۇپ باھالانغان. 2019-يىلى 10-ئايدا، جۇڭگو-رۇسىيە كونا پىرىستان ئۆرپ-ئادەت كوچىسى مەنزىرە رايونىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 4 مىليون 310 مىڭ ئادەم قېتىم، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ئىستېمال كىرىمى 1 مىليارد 670 مىليون يۈەن بولغان، بۇلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %30.5، %27.2 ئاشقان. دەسلەپكى قەدەمدە مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ كوچىنىڭ بىۋاسىتە تۈرتكىسىدە ھەر يىلى ساياھەت تۈرى بويىچە 1260 ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىدىكەن. بۇرچىن شەھىرى شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك ساياھەت شەھىرى بەرپا قىلىش جەريانىدا، جۇڭگو-رۇسىيە كونا پىرىستان ئۆرپ-ئادەت كوچىسى مەنزىرە رايونى بارغانسېرى مۇھىم رول ئويناۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى