تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

[شىنجاڭ ياخشى جاي] ئۈرۈمچى: 60 نەچچە تۈرلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيىتى قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەتنى قىزىتىدۇ

 شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ شى خەۋىرى) قار مۇز مۇسابىقىسى، قار مۇز يېمەك-ئىچمەك بايرىمى، قار مۇز تەنھەرىكىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتى، قىشلىق سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇش، قار مۇز باش تېمىسىدىكى شادلىق باغچىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش... بۇ يىل قىشتىن كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى مەدەنىيەت، ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، 60 تىن ئارتۇق مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە قاتنىشىشچانلىققا ئىگە، كۆڭۈل ئېچىشچانلىقى كۈچلۈك قار مۇز ساياھەت مەھسۇلاتىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا، ئۈرۈمچى قىشلىق ساياھەت مۇكاپات، تولۇقلىما سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ، چېگرا سىرتىدىن، دۆلەت ئىچىدىن ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ، قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەتكە ئۆمەك تەشكىللىگەن كارخانىلارنى مۇكاپاتلاپ، ساياھەت كارخانىلىرىنى قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەتكە كۈچ قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ سۇس پەسلىدە  قايناق ساياھەت بازىرى كەيپىياتى يارىتىدۇ. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جۈن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز < دۇنيادىكى قار مۇز ساياھەت داڭلىق شەھىرى قۇرۇش>، <يېپەك يولى خەلقئارالىق ساياھەت ئىستىراھەت رايونى بەرپا قىلىش>نى نىشان قىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھەت تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، <ساياھەت +> ئىستىراتىگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچىنى پۈتۈن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى يىغىلىش-تارقىلىش ئورنى ۋە مەنزىلگاھىدىن خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىكىدىكى يىغىلىش-تارقىلىشى ئورنى ۋە مەنزىلگاھى قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۈرۈمچىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق ساياھەت مەنزىل شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز».

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ساياھەت بازىرى داۋاملىق فونتانسىمان ئېشىش ھالىتىدە تۇرغان، جەمئىي 67 مىليون 335 مىڭ 400 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.62 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى