شىنخۇا تورى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، ئىمىن مەتقۇربان ئائىلىسىدىكىلەر ئۆيىنى دەريا بويى يېزىسىدىن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈردى. ئىمىن ئائىلىسىدىكىلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد «ھالاكەت دېڭىزى» تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكى — دەريا بويى يېزىسىدا ياشاپ كەلگەن، بۇ جاي شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىغا 240 كىلومېتىر كېلىدۇ، دالا ئاپتوموبىلى بىلەن يۈرگەندە ئاز دېگەندە يەتتە سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، ئىلگىرى بولسا، بۇ بۆلەك يولنى تۆگە بىلەن 13 كۈن مېڭىشقا توغرا كېلەتتى.
2016-يىلى، ئولتۇراقلىشىش، ئېكولوگىيە ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، كىرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسىنى كۆچۈرۈشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدى. 2017-يىلى، ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ نامرات ئائىلىلەر ئۈچۈن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى قۇردى ھەمدە ناھىيە بازىرىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا بارىدىغان 90 كىلومېتىرلىق قۇملۇق تاشيولىنى رېمونت قىلىپ ياسىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ، دەريا بويى يېزىسىدا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن 216 نامرات ئائىلە تۈركۈملەپ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلدى. ئىمىن ئائىلىسى ئەڭ ئاخىرقى تۈركۈمدە كۆچىدىغان ئائىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، «قۇم دېڭىزىنىڭ مەركىزى»دىن قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە كۆچۈپ كەلدى.
ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا مەكتەپ، دوختۇرخانا، بېكەت قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ئاللىقاچان پۈتكەن ھەمدە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن، سۇ، توك، يول، تور قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر تولۇقلانغان بولۇپ، كۆچۈپ كەلگەن بارلىق ئائىلىلەر تۇرالغۇ، داۋالاش، سەپەرگە چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك كاپالەتكە ئىگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىك ھۆكۈمەت دېھقانلارنى يۆلەپ قوي باقمىچىلىقى، توشقانزەدىكى تېرىقچىلىقى، ساياھەتچىلىك بويىچە ئۈچ كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى.
ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن 90 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىدا، ئىمىننىڭ ئىككى ئوغلى ئازادە، پاكىز سىنىپتا ئوقۇيدۇ. ئۇلار نەچچە يىل بۇرۇنلا قۇملۇقنىڭ كىندىكىدىن چىقىپ، ناھىيە بازىرىدىكى ياتاقلىق مەكتەپتە كېلىپ ئوقۇغان، مەكتەپ ئۆيدىن يىراق بولغاچقا، ئۇلار تەخمىنەن ئايدا بىر قېتىم ئۆيىگە قايتاتتى. كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئارىلىق يېقىنلاپ قاتناش قولايلاشتى، ئىمىننىڭ ئىككى بالىسى ھەر ھەپتىدە ئۆيىگە قايتىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشەلەيدىغان بولدى. ئىمىننىڭ خوتۇنى ھەبىبىخان كېلەر يىلى لازا ئۈزۈش بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئويلاشتى؛ ئىمىن بولسا قوي باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوشۇلۇپ، ئۆيىدىكى قوي پادىسى كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.